كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 14 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى

كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 14 ـ قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ئۇرغۇتقان قىزغىنلىق ۋە غەيرەت، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى توغرا تېپىپ، كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمە ۋە ئىشەنچنى ئاشۇرۇش كېرەك. زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭنى پەن ـ مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش كېرەك. خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى ياخشى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خىزمەت مېخانىزمى ۋە خىزمەت ئىستىلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېڭىيىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق ئارقىلىق بۇ يىلقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، يۈسۈپجان مەمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.