شىنجاڭ بويىچە 36 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پۇلىغا ئېرىشتى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەخسۇس 100 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ھەم بىڭتۇەن ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىغا تەقسىملەپ بەردى، نۆۋەتتە، 21 مىليون 856 مىڭ 800 يۈەن ئاجرىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، 36 مىڭ 428 كىشى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پۇلىنى ئالدى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇم مەزگىلىدە، كارخانىلار ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان خىزمىتى يوق، كىرىمى يوق ياكى ئىشسىز قالغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى، ھەمدە تاماق توشۇغۇچى، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىقلار يەتكۈزگەن تالون مىقدارى 8 ـ ئايدىن باشلاپ ئۇدا ئىككى ئاي ھەم ئۇنىڭدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەر ئايدا 50 تالوندىن تۆۋەن بولغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىر ئائىلىگە 600 يۈەن ئۆلچەم بويىچە تارقىتىلىدىكەن.

شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر «تىيانشان گۇڭخۇي» كىچىك پىروگراممىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسىمۇ ياكى «تىيانشان گۇڭخۇي» APPسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ، توردا شەخسىي ئۇچۇر، ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئىسپاتى (ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئىسپاتى) قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تولدۇرۇپ يوللايدۇ، ئارقا سۇپىدا جەملەنگەندىن كېيىن، تەۋەلىك پىرىنسىپى بويىچە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرگە يوللاپ بېرىلىدۇ. تاماق توشۇغۇچى، تېز يەتكۈزگۈچى قاتارلىق قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار خىزمەت كىنىشكىسى، تالون مىقدارى ئىستاتىستىكا جەدۋىلىنى جەزمەن ئۆزى يۇقىرىغا يوللىشى كېرەك .

نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش پۇلى تارقىتىش خىزمىتى سىجىل ئېلىپ بېرىلماقتا، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى قۇتقۇزۇشقا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى، ئەمگەك مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى توپلاپ، رەتلەپ يۇقىرىغا يوللاپ، يۇقۇم مەزگىلىدە ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەيدۇ.