شىنجاڭدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى سىجىل كۈچەيدى

日期:2022年11月23日
来源:天山网
【字体:

11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، قومۇل شەھىرىگە جايلاشقان غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش 4 ـ لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ 2 ـ بۆلىكىدىكى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، جۇڭگو نېفىت قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى جۇڭگو نېفىتى(شىنجاڭ) نېفىت قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى چارلاپ تەكشۈرمەكتە. نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، تۇرۇبا كەپشەرلەش باسقۇچىغا كىردى.  ليۇ يەنلۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى سىجىل كۈچەيگەن. ئالدىنقى ئون ئايدا، جەمئىي 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش پىلانلانغان قۇرۇلۇش تۈرى 14 مىڭ 714 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1212سى كۆپىيىپ، %9 ئاشقان.

بۇنىڭ ئىچىدە، 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۈر 77 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 11ى كۆپىيىپ، %16.7 ئاشقان؛ 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۈر 476 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 55ى كۆپىيىپ، %13.1 ئاشقان؛ 100 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان تۈر 3796 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 550ى كۆپىيىپ، %16.9 ئاشقان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ھەرقايسى تەرەپتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ تۈرلەرنى تۇتۇپ، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈرلەرنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش ۋە ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرگە پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش پىلانىنىڭ %92ى تاماملاندى.

جېمىنەي ناھىيەسى شالشىقاي 250 مىڭ كىلوۋاتلىق كاپالەت خاراكتېرلىك تورلاشتۇرۇلغان شامال ئېلېكتىر تۈرى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ماسكا تاقاپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورىنى ئېسىپ قۇراشتۇرۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتاتتى. «بىز قۇرۇلۇش خادىملىرىنىڭ كۈندىلىك سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرنىڭ پىلاندىكى سۈرئەت بويىچە ئالغا سىلجىتىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى ۋېي گولىن.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋاقىت تۈگۈنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، 41 نۇقتىلىق تۈردە 4 ـ پەسىلدە قۇرۇلۇش باشلاندى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت كاپالىتى مەخسۇس خىزمەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سىجىللىقىنى %75 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇردى.

1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە، شىنجاڭدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈرلەر بىرقەدەر تېز كۆپەيدى. بۇ يىل يېڭىدىن ئىش باشلانغان تۈر 8532 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 704ى كۆپىيىپ، %9 ئاشتى.

«بۇ يىلدىن بۇيان، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ پەسىللىك ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، زور تۈرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، مەبلەغ سېلىش كۆزلىمىسىنى يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىش باشلاپ، تىرەك شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ.

چوڭ تۈرلەر زور سېلىنمىغا تۈرتكە بولدى. 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى توغرىسىدىكى نەتىجە قەغىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭنىڭ سانائەت سېلىنمىسى بىرقەدەر تېز ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان، سانائەت سېلىنمىسى 291 مىليارد 108 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.2 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۇراقلىق مۇقىم سېلىنمىسىدىن 23.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان. ئۈچ چوڭ ساھەدىن قارىغاندا، كانچىلىققا سېلىنغان مەبلەغ 63 مىليارد 521 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان؛ ياسىمىچىلىق كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 128 مىليارد 160 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.1 ئاشقان؛ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ 99 مىليارد 428 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.7 ئاشقان.