قېلىنراق كىيىنىڭ! بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيە گىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بىرئاز سالقىن بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرى ئۇپۇقنى قىزارتتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا قار) ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن جايلار ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي قىسمى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدىكى بوران كۈچى 11 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزان كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 3 سېلسىيەگىرادۇستىن 5 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

9-ئاينىڭ 29-كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، شەرق تەرەپتىكى ئاسماننى ئالتۇن رەڭلىك شەپەق نۇرى قاپلىغانىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 9 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى 5-4 بالدىن 3 بالغا ئۆگىرىدۇ، تاغلىق رايونلاردا ئازراق يامغۇر يېغىپ كېيىن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولىدۇ. يېقىندا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆرۈنەرلىك، دوستلار مۇۋاپىق كىيىنىپ، زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  بۈگۈن G216 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قاراتۆڭكىگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار،G217 لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول بويلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، G3015 لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭگوۋغىچە بولغان بۆلىكى، G201 لىنىيەسىنىڭ مايتاس شامال رايونى، G221 لىنىيەسىنىڭ تولى لاۋفېڭكوۋ، G319 ۋە G229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونىغىچە بولغان بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكىدە 8 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ، G312،G30 لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكىدە 10-9 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ.