​تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى

​تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك​

ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يىغىن ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 27 - قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا ئۈرۈمچىنىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، «شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» «ئاپتونوم رايوننىڭ <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «ئاپتونوم رايوننىڭ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەر بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ۋە مۇھىم زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇستەھكەم تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەت، قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر سىياسەت - تەدبىرلەر ۋە شەكىل - ئۇسۇللارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسى، شىنجاڭنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىش كېرەك؛ كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقىنى بازارلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باشلامچى كارخانىلارنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك؛ ئۈرۈمچىنىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەملىك ھۆكۈمەت» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولۇش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: دىققەتنى پۈتۈن يىللىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇش كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى دىققەتنى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسلىق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكشۈرۈشى، ھەرقايسى مەخسۇس گۇرۇپپىلار يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ - ماسلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشى، ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار تىزىملىك تۈزۈپ، كۈچ توپلاپ ئالغا سىلجىتىشى، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ ئىسلاھاتنى تۇتۇشى، تىرىشىپ ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلىرىدىن بولۇشى، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، جياۋ شياۋپىڭ، باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئەزا ئورۇنلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.