​ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى​

ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، رايوننىڭ كۈز، قىش پەسلىدىكى ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش خىزمىتىنى قايتا ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا ئالغا سىلجىتىپ، قايتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق رايون، ھەم ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشتىكى نۇقتىلىق رايون. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر ئارقىلىق بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىياز پەسلىدىكى «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ مۇھىت، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قىزغىن ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، تىرانسپورت چوڭ تومۇرى ۋە قىلدام تومۇرلىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاپ، كارخانىلارنىڭ ئۈسكۈنە، خادىملارنى ئىش ئورنىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ماسلىشىپ، ياردەم بېرىپ، مەركەزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ۋە رايونلارنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ بۇ يىللىق پاكىز پار بېرىش بويىچە ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى، ئۈسكۈنە تىپىنى تاللاش سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ پار بېرىش مەزگىلىدىن بۇرۇن ئالاقىدار خىزمەتلەرنى تاماملاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا ماسلىشىپ تاقابىل تۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ھاۋانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدىغان بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى ئازايتىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. گاز، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا گاز ئىشلىتىش» «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش»نى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سانائەت بۇلغىمىسى قويۇپ بېرىشنى چوڭقۇر تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش بويىچە تېخنىكا ئۆزگەرتىشىنى قانات يايدۇرۇپ، كۆمۈر يېقىلغۇلۇق، گاز يېقىلغۇلۇق پار قازانلىرىنى تېخنىكا جەھەتتىن ئۆزگەرتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پار بېرىش مەزگىلىدە نۇقتىلىق ساھە، كارخانىلار يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىشنى يولغا قويۇپ، «بىر كەسىپكە بىر تەدبىر» «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شەھەرلەرنىڭ چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشىنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى، مۇھىم يول بۆلەكلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، چاڭ - توزاندىن بۇلغىنىشنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجراسى سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. بۇلغىنىشنى تۈزەش جەھەتتىكى پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش بويىچە ماسلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەقىقىي تۈردە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇش، رايوننىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش - ئورتاق تۈزەش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش قاتارلىق تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش، باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشۋىقات ۋاسىتىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك.

جارۇللا ھېسامىدىن، شۆ بىن، ليۇ شىنجيەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.