جۇڭگو شىنجاڭ ۋەكىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شەۋكەت ئىمىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51 - نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدىيەسى، سىياسىتى ھەم قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو شىنجاڭ جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىرىنسىپلارغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپ بىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر بىردەك باراۋەر، مەيلى نوپۇسىنىڭ ئاز - كۆپ بولۇشى، تارىخىنىڭ ئۇزۇن - قىسقا بولۇشى، تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن بولۇشى، ئۆرپ - ئادىتىدە پەرق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئورتاق ھالدا دۆلەت ئىشلىرىغا قاتناشتى، يەرلىك ئىشلارنى باشقۇردى، ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت ئامما تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تۈرلۈك ھوقۇق - مەنپەئەتلەردىن بەھرىمەن بولماقتا.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق بىلدۈردى: بەزى غەرب دۆلەتلىرى ۋە رەزىل غەرەزلىك كىشىلەر شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە كۆز يۇمۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇپ، ۋاسىتىلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، جۇڭگونى پارچىلاشقا ئۇرۇندى. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنىنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق - ھەققانىيلىقى ۋە ۋىجدانىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. كۆپچىلىكنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئايلىنىپ كۆرۈپ بېقىشىنى، جەمئىيەت بىخەتەر، مۇقىم بولغان، تەرەققىيات سىجىل ياخشىلانغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان شىنجاڭنى بىۋاسىتە ھېس قىلىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.