​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇش كېرەك

日期:2022年09月29日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

​جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنى تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دائىم ئۆگىنىش، دائىم يېڭىلاپ تۇرۇش داۋامىدا ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، ئۆلچەمگە، تەلەپكە توغرىلىنىش داۋامىدا پائال، تەشەببۇسكار بولۇپ نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي ئىشىنىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنىڭ سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىدا جايىدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتقۇزۇش سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىدىكى مۇھىم ئىش، شۇنداقلا قىممىتى ۋە ئەۋزەللىكىنىڭ ئىپادىسى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشلەر، سىياسىي كېڭەشكە قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئەزالار مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى ئەستايىدىل ياخشى ئادا قىلىپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، بىر مەقسەت، بىر نىشاندا بولىدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكى، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان ئىتتىپاقلىشىش ئەۋزەللىكى، باراۋەر كېڭىشىدىغان دېموكراتىيە ئەۋزەللىكى، ئالاقىسى كەڭ بولۇشتەك ساھە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشى كېرەك.

نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ مول كېڭىشىش ۋاسىتىسى ۋە مۇكەممەل خىزمەت مېخانىزمىغا تايىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق مۇھىم، زور تېمىلارنى چۆرىدەپ، كۆڭۈل قويۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دەل جايىدا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە ھەم كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ھەم كۆپلىگەن ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك؛ ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، «شىنجاڭ سىياسىي كېڭىشى. شەبنەم مۇنبىرى»، ئەزالار كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى چىن قەلبتىن تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە قاتنىشىش تۇيغۇسى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك؛ دائىملاشقان، ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت شەكلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە پارتىيەگە ئەگىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىن تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپلىرى ۋە تەكلىپلەرنى بېجىرىشتىكى ئىلغار ئورۇن، شەخسلەر تەقدىرلەندى؛ ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.