بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋەر قىلىدۇ) 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرىدا سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ (تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدۇ)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە شەرقىي قىسمى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قىسمەن رايونلار ۋە شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، شامال ئېغىزلىرىدا بوران كۈچى 11 بال ئەتراپىدا بولىدۇ؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.

9-ئاينىڭ 28-كۈنى 8لەر ئەتراپىدا، ئۈرۈمچىدە تاڭ نۇرى ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋەندې فوتوسى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلاردا ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 20 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ، غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى 7-6 بالدىن 5-4 بالغا ئۆزگىرىدۇ. تۈنۈگۈنكى بوراننىڭ بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخىرلىشىشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، كۈزلۈك ئىچ كىيىملەرنى تەييارلىمىغان دوستلار تېزدىن تەييارلاڭلار، چۈنكى 2-قېتىملىق سوغۇق ھاۋا ئېقىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۆلچەرلىنىشىچە، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن.

بۈگۈن سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر(ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار)نىڭ تەسىىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G30 ، G312لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن جىڭغىچە بولغان بۆلىكى،G3015لىنىيەسى، G217لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قارامايغىچە بولغان بۆلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە G3015 لىنىيەسىنىڭ چۆچەكتىن تيېچاڭغىچە بولغان بۆلىكى، G216لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن قاراتۆڭكىغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار،G217لىنىيەسىنىڭ ئالتايدىن بۇرچىنغىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ۋە ياكى قار ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قاتتىق قار ياغىدۇ؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم تاشيول لىنىيە بويلىرىدا 6 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، G3015لىنىيەسىنىڭ دۆربىلجىندىن تيېچاڭغىچە بولغان بۆلىكى، S201لىنىيەسىدىكى مايتاس شامال رايونى،S221لىنىيەسىدىكى تولى لاۋفېڭكوۋ، S319 ۋە S229 لىنىيەسىنىڭ ئالتاي ناۋخەي شامال رايونى يول بۆلىكى، G3014لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن ئورقۇغىچە بولغان بۆلىكى، G30، G312لىنىيەسىنىڭ داۋانچىڭدىن داخېيەنگىچە بولغان بۆلىكى، چىقتىمدىن لياۋدۇنغىچە بولغان بۆلىكىدە 10 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ.