يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە سىنلىق يىغىن ئاچتى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاپتونوم رايون بويىچە سىنلىق يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىش مۇھىم تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان سىياسىي مۇھىت، جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم مۇھىت يارىتىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار جەزمەن ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىك، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىدېئولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، خەۋپ - خەتەرنى بايقاش، ھۆكۈم قىلىش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قاتتىق، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مۇقىملىقنى قانۇن بويىچە قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇش، قانۇن بويىچە، ئىلمىي بولۇش ئاساسىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشتەك يىرىك باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، 9 - نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش لايىھەسىگە ماددىمۇماددا، تۈرمۇتۈر سېلىشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايونغا ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ ئايرىش، نۇقتىلىق سورۇن ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار، كۆمۈر كان، يول قاتنىشى، باغچە رايونى كارخانىلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېغىر، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈر سېلىنمىسى قۇرۇلۇشى، ئىستېمالنىڭ تولۇقلىنىشى، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازار سۇبيېكتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئاممىۋى خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت ئاممىنى قەلبتە ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماددىي ئەشيا تەمىناتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىم، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، ئەرزىيەت، زىددىيەت - ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ھەل قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىش، ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ھەقىقىي تۈردە ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈرلۈك تاراتقۇلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجابىي تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېمىلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىرنى نازارەت قىلىپ يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى ئىللىتىپ، خەلق قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئۆز جايىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش، ئۆز جايىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتىن ئىبارەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا ئۆزى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆزى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇپ، قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك «قارا قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ئېغىر، زور مەسىلە كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن مۆلچەرلەش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا قارىتا كۆڭۈلدە سان بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى بولۇش، ھەرىكەتتە كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي، ئەسقاتىدىغان تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ھەم كونكرېت مەشغۇلات تەدبىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسقا يۈزلىنىش، خەۋپ - خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ سۇشې، جياۋ شياۋپىڭ، جياڭ شىنجۈن، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە، شەھەر، رايون ھەم بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن، مەيدانلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.