ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايون مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى بويىچە مائارىپتىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنلىن قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ليۇ سۇشې «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى توغرىسىدىكى پىكىر» ۋە ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نۇقتىئىنەزەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. بىز قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى مائارىپ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىدىكى نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭ مائارىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى تاۋلاپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئالىي، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى سۆزلەش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە خىزمىتى قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش، كەسپىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەربىيەسىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە ئادەم تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيە شەكلى ۋە ۋاسىتىلىرىنى موللاشتۇرۇپ، قاراتمىلىقى، سىستېمىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپى، ئوقۇتۇشى بىلەن تولۇق قاپلاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىش، قوللىنىش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىش كېرەك. تېخىمۇ ئادىل ھەم سۈپەتلىك بولغان ئاساسىي مائارىپنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، تەكشى راۋاجلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەنلەر مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى تېزلىتىپ، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، ئالاھىدە مائارىپنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ۋە كەسىپنى يېتەكچى قىلغان كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ سەككىز چوڭ كەسىپ توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مىنىستىرلىق بىلەن ئۆلكىلەرنىڭ كەسپىي مائارىپنى يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېگىزلىكىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ تەسىس قىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، مەكتەپ - كارخانا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالىي مائارىپنى ئەلالاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئالىي مائارىپنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە نۇقتىلىق پەنلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ۋە رايوننىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئوقۇتقۇچى ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچى ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش پىلانى ۋە كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك مائارىپىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاش، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مائارىپ ساھەسىدىكى تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش، مائارىپنى باھالاش، مۇپەتتىش قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتتىكى ئىسلاھاتلارنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، تارماقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مائارىپ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ سېلىنمىسى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ كۆزىتىپ ۋە پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپ ئىدارە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە، مائارىپ ئوقۇتۇشىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك مائارىپنى تىرىشىپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك.

ياڭ چېڭ، جاڭ جۇ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، زۇمرەت ئوبۇل، ياڭ فاسېن، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، جياۋ شياۋپىڭ، جياڭ شىنجۈن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردا ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرىدە، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.