ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنى 1 - قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى.

دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 42 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 35 - قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىسى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى يولغا قويۇش چارىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق مۇرەسسە نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىش قائىدىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، «شىنجاڭ تارباغاتاي نۇقتىلىق ئېچىش - ئېچىۋېتىش سىناق رايونى نىزامى (لايىھە)»، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش نىزامى لايىھەسى، ئاپتونوم رايوننىڭ چېگرا باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق شۇ دەرىجىلىك خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسى(لايىھە) توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021 - يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021 - يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت قوغداش نىشانىنى ئورۇنداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ خوجىلىق باشقۇرۇش نىزامىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىش توغرىسىدىكى كۆزدىن كەچۈرۈش دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 - يىغىنىدا ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەۋسىيە، تەنقىد، پىكىرلەرنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش - قالدۇرۇش تەكلىپى توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مۇئاۋىن مۇدىر لى شۆجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن سارقىت ئاقان، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاۋ چىڭ، قادىلبېك قامزا، سو يۆ، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، مۇقىيات جارمۇقامەت، باش كاتىپ مۇتەللىپ روزى يىغىنغا قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن مىڭگو، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى باھارگۈل سەمەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى لى يۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار، دائىمىي كومىتېت خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى، ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى، بىڭتۇەن خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى ھەمدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.