جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 12 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

سىياسىي كېڭەشنىڭ ئون نەپەر دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسى، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

دائىمىي كومىتېت ئەزاسى سالامەت مەمتىمىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چېن چى مۇنداق تەكلىپ بەردى: نادىر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، ئىجاد قىلىشقا يار - يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، رايون مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت نادىر ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىش، چوڭقۇر قېزىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ئامىنە ئورازغالى مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنى مەھەللە ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ سىياسىي كېڭەش قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر گۈلنار روزى مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئەمەلىي، جانلىق، ئۈنۈملۈك بولۇشقا كۈچەپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى لى چۇنياڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شۈ تيەنخاۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك؛ تۇمشۇق شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ چيەنفېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىدىغان ئالاھىدە ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، چېگرانى قوغداپ، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەشنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى غۇنچەم جۈمە مۇنداق تەكلىپ بەردى: دېھقان - چارۋىچىلارغا بولغان دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ ئەزا ئادىل ئابلىز مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارقىسىدىكى تارىخىي مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى قېزىپ چىقىپ، مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىن مەزگىلىدە، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر «توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش» «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەشۋىق - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش» «شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا يەنە كادىرلار ئىشلىرىغا ئالاقىدار ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەڭلىك سىيىت يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيۇ شۇخۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن پېڭ جيارۇي، جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۇي، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، نۇرۇم ئىسمايىلقان، دىلشات قىدىرقان، ئېزىز مۇسا، باش كاتىپ گاۋ جياڭخۇەي يىغىنغا قاتناشتى.