ئاممىنىڭ ئىشىنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرۈمگە قويىمەن

日期:2022年09月28日
来源:天山网
【字体:

ما لى:

ئاممىنىڭ ئىشىنى باشتىن - ئاخىر قەلب تۆرۈمگە قويىمەن

ما لىنىڭ خىزمەت ئۈستىدىكى سۈرىتى. (ئۆزى تەمىنلىگەن سۈرەت)

[مۇھەررىر ئىلاۋىسى]

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى 2022 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 43 نەپەر پارتىيە ئەزاسى شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايوندىن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىل بولۇپ سايلاندى. ئۇلار كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر بولۇپ، ئىلغارلىققا ۋە كەڭ ۋەكىللىككە ئىگە، ئۇلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى قەلبىگە پۈككەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسى ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەردە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئىلغار، نەمۇنىلىك پارتىيە ئەزالىرى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ، «20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاپىتى» ئىستونى تەسىس قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە روھىي سالاپىتىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى نۇقتىلىق تونۇشتۇرىدۇ.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 5تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، تېخى تاڭ يورۇمىغانىدى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12 - شى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ئەنكاڭ مەھەللىسىدە، پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ما لى ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى.

«ئاھالىلەرگە بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى ساقلاشنى قايتا - قايتا ئەسكەرتىپ تۇرۇش، بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.» گەرچە بەزى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن قېتىم تەكرارلانغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم خېسۇەن تەكشۈرگەندە، ئۇ يەنىلا ئىنتايىن سەۋرچانلىق بىلەن كۆپچىلىككە ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.

2018 - يىلى، ما لى ئەنكاڭ مەھەللىسىگە كېلىپ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدى، ئۇنىڭ ۋە مەھەللە كادىرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. 2020 - يىلى 11 - ئايدا، ما لى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.

«ئۇ ئامما ئۈچۈن نۇرغۇن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.» ما لى تىلغا ئېلىنسا، ئەنكاڭ مەھەللىسىدىكى نۇرغۇن ئاھالە باشمالتىقىنى چىقىرىپ ماختايدۇ. ئەنكاڭ مەھەللىسىدە خىزمەت قىلغان تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ما لى زىيارەت قىلىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى ھەل قىلدى، 2462 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىنى ئۇ ئېنىق بىلىدۇ.

ئەنكاڭ مەھەللىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلىشتىن ئىلگىرى، ما لى شىسەن دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى ليەندۈيىدە خىزمەت قىلاتتى، ئاساسلىقى ئاياللار، بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەيتتى. بۇنىڭ بىلەن ما لى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا تەۋەلىك رايونىدىكى ئاياللار، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي قىيىنچىلىقىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى.

«بۇ يىل ئوغلۇم 3 - يىللىقتا ئوقۇيدۇ، ھېلىمۇ ياخشى ما لى شۇجى بولغاچقا ئوغلۇم مەكتەپتە ئوڭۇشلۇق ئوقۇيالىدى.» ما لىنى تىلغا ئالغىنىدا، ئاھالە ئاسىخان ئايجاننىڭ سۆزلىرىدىن مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئاسىخاننىڭ ئوغلىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق بولغاچقا، تاقاشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ياردەمچى تىڭشىغۇچنى ئىزچىل تاپالماي كەلگەنىدى. 2019 - يىلى 8 - ئايدا، ما لى ئاسىخان ۋە بالىنى ئېلىپ، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، دوختۇرخانا قاتارلىق جايلارغا كۆپ قېتىم بېرىپ، تەكشۈرۈش، سىناپ تاقاش، تەڭشەپ سىناش ئارقىلىق، ئاخىر بالىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىنى ھەقسىز سەپلەپ بەردى. بالا تۇنجى قېتىم ئاۋازنى ئاڭلاپ، ھاياجانلانغان ھالدا «ئا ئا» دېگەن ئاۋازنى چىقارغاندا، بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ما لى ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلدى.

بالىنى باشقا كىچىك دوستلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ما لى يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپ ۋە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلەشتى. «ئۇ نورمال بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپكە كىرىپ، بىلىم ئۆگىنىپ مائارىپنى قوبۇل قىلغاندىلا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى چىقىش يولى تاپالايدۇ.» بالىنىڭ مەكتەپكە كىرگەنلىكى بېكىتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما لى ئاندىن خاتىرجەم بولدى.

«ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلاردىن ئىبارەت بۇ كىشىلەر توپى تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشكە موھتاج.» ما لى خىزمەت تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، بەزى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقى بار، بەزى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەچكە بالىغا دېگەندەك ھەمراھ بولالمايدۇ قاتارلىقلار.

ئاھالە جيا يۆشياڭ بىر جورىسىز ئانا بولۇپ، ئىككى بالىسى بار، تۇرمۇشى ئانچە باياشات ئەمەس. ما لى بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش - يۆلەشنى ئىلتىماس قىلدى، ھەر يىلى ھېيت - بايراملاردا يەنە ئۇنىڭغا ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى. تەنھا ياشانغان موماي خې جىيۈن بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون ئىشلىتىشنى بىلمەيتتى، بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، ما لى ئۇنىڭ ئالاھىدە غېمىنى يېدى، ھەر كۈنى قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى يەپ بولغان - يەپ بولمىغانلىقىنى، دائىم ئىشلىتىدىغان دورىلىرىنىڭ يېتىدىغان - يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇردى. «ما لى ئۆز قىزىمغا ئوخشاش» دېدى خې جىيۈن چىن قەلبىدىن خۇرسەن بولغان ھالدا.

2021 - يىلى، ما لى «مەملىكەت بويىچە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشتىكى ئىلغار شەخس» شەرىپىگە ئېرىشتى. ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بۇ شەرەپنىڭ ئارقىسىدا كۆپچىلىكنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى بار، شەرەپ ۋاقىتلىق بولىدۇ، كۈرەش مەڭگۈلۈك بولىدۇ.

ياشانغانلار ئۈچۈن ئېتىبار كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىش، مېيىپ ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، مېيىپ بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش... تۆت يىلدا، ما لى ئاكتىپلىق بىلەن ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مەھەللە مۇلازىمىتى خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش - يۆلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ دەۋا تەلىپىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى، تۈرلۈك زىددىيەت - ماجىرادىن 135نى مۇرەسسە قىلىپ، 56 ئائىلىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم قىلدى، يۆلىدى. «ما لى شۇجى ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان ئادەم، ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىرىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بىر - بىرلەپ ئەستايىدىل ھەل قىلدى، ئۇ بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز» دېدى ئەنكاڭ مەھەللىسىنىڭ كادىرى پەن شۈييىڭ چىن قەلبىدىن خۇرسەن بولغان ھالدا.

بۇ يىل 6 - ئايدا، ئۆزىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ما لى زىممىسىدىكى يۈكنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلدى. «ھەم شەرەپ، ھەم ئىلھام بولدى، مەن چوقۇم ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلام بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچلىك ئادىمى بولىمەن» دېدى ما لى.