ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

日期:2022年09月21日
来源:天山网
【字体:

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم تىيانشان مۇنبىرىدىن خاتىرە

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ

9 - ئايدىكى شىنجاڭدا كۈز ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، كۆپكۆك ئاسمان ئىنتايىن سۈزۈك ئىدى.

«تىيانشاندىن چىقتى تولۇن ئاي»غا سىمۋول قىلىنغان شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى يەنە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەيدان كاتتا مەرىكىگە گۇۋاھ بولدى − 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى تېز قەدەم تاشلاپ، كېلىشكەن ۋاقىتتا باشلاندى.

«ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىپ، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى»دىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇنى قەلبكە پۈكۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش يېڭى ئۈمىدى بىلەن ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار، دوستلار ئۈرۈمچىدە يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى پۇرسىتىنى ئورتاق كۆزلەپ، گۈللەنگەن، يېپيېڭى گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشقا ئاتلاندى.

شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدىكى رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش چوڭ ئېكرانىدا كۆك رەڭ ئاساسىي رەڭ قىلىنغانىدى. كۆك رەڭ ئاسمان رەڭگى بولۇپ، بۇ رەڭ ھەم ھەممىنى سىغدۇرۇشقا، ھەم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققا سىمۋول قىلىنغان.

ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدە تۆگە كولدۇرمىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۇزاققا سوزۇلغان بىر يىپەك يولى ئېكراننىڭ سول تەرىپىدىكى گاۋتيې بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە ئىدى.

تۆگە كارۋىنى بىلەن گاۋتيېنىڭ «بىر ئېكران»دا كۆرۈنۈشى ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە ماركىسىغا ئايلانغانلىقىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۇنياغا تۇتىشىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە سۇپىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

سائەت 16دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ھەم تىيانشان مۇنبىرى رەسمىي باشلاندى.

باشلىنىش تەشۋىقات فىلىمىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا شىنجاڭنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرگەن چاغدىكى سىيماسى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا جانلىق گەۋدىلىنىپ، كۆپچىلىك خۇددى كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئاشۇ پەيتكە يەنە بىر قېتىم قايتقاندەك بولدى.

«<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇشۇ يىللاردا نەتىجىلەر مول بولدى. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت - ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش.» چوڭ ئېكراندا باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

نۇرغۇن قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەر ۋە زور مىقداردىكى تەپسىلىي، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشتە قولغا كەلتۈرگەن مول نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خۇ چۇنخۇا دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

«جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سۇپا قىلىپ، تىنچلىق ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ».

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىدىكى جاراڭلىق سۆزلەر يىغىن مەيدانىنى لەرزىگە سېلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىق ھەمراھلىرىنى ھاياجانلاندۇردى. تەبرىك خەتتە ئاسىيا بىلەن ياۋروپانىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش ئۇلۇغۋار پىلانى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تېخىمۇ شانلىق، پارلاق گۈزەل كەلگۈسى سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

يىغىن مەيدانىدا، تەرەپ - تەرەپتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار پۈتۈن زېھنى بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى. ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەندى! ئىشەنچ تولۇپ تاشتى!

ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلار ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، بەزى مۇخبىرلار نەق مەيداندا توردا ئۇلىنىش ئارقىلىق تەبرىك خېتىدىكى چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەلگۈسى ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىنى بىرىنچى ۋاقىتتا تارقىتىۋاتاتتى.

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، بۇ، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، شۇنداقلا كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى؛ ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، بۇ، گۈزەل ئارزۇ، شۇنداقلا بىرلىكتە ئىلگىرىلەش يولى.

ئېچىلىش مۇراسىمى بىلەن ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلگەن تىيانشان مۇنبىرىدە، ئالتە دۆلەتنىڭ سىياسىي ساھەسىدىكى مۇھىم ئەربابلار، ئىككى خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلغاندا بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسىنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

«يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بىز ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېدى ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان.

«جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۈرى يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ياراتماقتا. بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، رايون ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز.

«بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە ئارقىلىق، بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرالايمىز، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتەلەيمىز، شۇندىلا يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردە تېخىمۇ قۇدرەت تاپالايمىز» دېدى شەرقىي جەنۇبىئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى لىن يۈخۇي.

...

سەمىمىي ئالماشتۇرۇش، قىزغىن سۆھبەتلىشىش، ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش... بۇلار يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ قىلغان سۆزىدە كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزلەر بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

يىغىن مەيدانىنىڭ ئىچى شادلىققا، ئىللىقلىققا تولغانىدى.

يىغىن مەيدانىنىڭ سىرتىدا، كۈزدىكى ئىللىق قۇياش، كىشىلەر بېشىنى كۆتۈرسىلا كۆرگىلى بولىدىغان بوغدا چوققىسى كاتتا مەرىكە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ چەكسىز گۈزەل مەنزىرىسىگە ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ تۇراتتى.