شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى: ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، قابا ناھىيەسىدىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋاقىتلىق نۇقتىسىدا، خىزمەتچىلەر قابا ناھىيەسىگە كىرىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تىزىملاپ، يۈكنىڭ كېلىش مەنبەسى، تۈرى، يۆنىلىشىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتىنىڭ بىخەتەر، راۋان، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

خاراخات مانات فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرى خۇڭدۈن بازىرىدىكى بىر يۈك توشۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار سانجىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن ماللارنى چۈشۈرمەكتە.

زاڭخار بولات فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرى خۇڭدۈن بازىرىدىكى بىر يۈك توشۇش مەيدانىدا، ئىشچىلار گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىدىن كەلگەن دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان كۈن نۇرىنى توسۇش تورىنى چۈشۈرمەكتە.

زاڭخار بولات فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىكى بىر تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ تىجارەت ئورنىدا، خىزمەتچى خادىملار ئامباردا تېز يوللانمىلارنى رەتلىمەكتە.

زاڭخار بولات فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى جيۇجۇ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى كۆممىقوناق پىششىقلاش زاۋۇتىدا، ئىشچىلار كۆممىقوناق پىششىقلىماقتا.

پىلزات جارس فوتوسى

 8-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خېجىڭ ناھىيەسى خېپەن بازارلىق تارماق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى پوچتا ئاپتوموبىلىنى پارنىكقا ھەيدەپ بېرىپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىپ بەردى. ھازىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 ـ شى 22 ـ تۇەن ئەسلىھەلىك پارنىكتا ئۆستۈرۈلگەن كۈزلۈك چىلانلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تېز يىغىپ، تېز سېتىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بۇ تارماق ئىدارە ئۇلارنىڭ پارنىكىغىچە بېرىپ، كۈزلۈك چىلان تېز يەتكۈزۈش كەسپىنى بېجىرىپ، كۈزلۈك چىلاننى ئەڭ تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىشىغا ياردەم بەردى.

شيې جياڭلىن فوتوسى

  8-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خېجىڭ ناھىيەسى خېپەن بازارلىق تارماق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىڭتۇەن 2 ـ شى 22 ـ تۇەنىنىڭ ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىگە كۈزلۈك چىلان ئوراپ بەرمەكتە.

شيې جياڭلىن فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى