ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئاچتى

ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقى، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇپ تەمىنلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرقايسى جايلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلار ئەۋزەل بايلىق، ئەۋزەل كۈچلەرنى بىرىنچى سەپكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، ئايرىۋېتىش، يۇقىرى زىچلىقتا خېسۇەن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، دەل جايىدا بېكىتىپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تەكشۈرۈش، يىغىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق يىغىۋېلىش، ئايرىۋېتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئايرىۋېتىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن خەۋپ ـ خەتەر ساقلانغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي دەل تەكشۈرۈپ، تولۇق تېپىپ چىقىپ، دەل جايىدا تىزگىنلەپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇپ ـ داۋالاپ، قەتئىي بوشاشماي ئۆز جايىدىكى يۇقۇمنى «ئىسكەنجىگە ئېلىپ، يوقىتىپ، تۈگىتىپ»، ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. باشقا رايونلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتۈن زەنجىرىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، «تۆت بالدۇر» بولۇش تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ نۇقتىدىن قوزغىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك تەييارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم كۆرۈلگەن ھامان تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، مەسىلىلەرنى بىرمۇبىر، تۈرمۇتۈر تەتقىق قىلىپ، تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، خەلق تۇرمۇشىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش، يۈك تىرانسپورتىنى راۋانلاشتۇرۇش، كەسىپلەرنىڭ ئايلىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، شىنجاڭ بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە تاقىۋېتىش، توختىتىپ قويۇش، ئۆز مەيلىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تەكشۈرۈش پونكىت ـ نۇقتىلىرىنى تەسىس قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، قاتناشنى باشقۇرۇش ـ كونترول قىلىشتا قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»تىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاۋىياتسىيە ئايرودۇرۇمى، تۆمۈريول يۈك ۋوگزالى، ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى قاتارلىق تۈگۈن، مەيدان ـ پونكىتلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، يىغىش، تارقاقلاشتۇرۇش، توشۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچى، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى خاتىرجەم قىلىش، زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ «ئاق تىزىملىك»ىدىكى كارخانىلار، تاشقى سودا كارخانىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىنىدىكى باغلىنىشلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «بىر زەنجىرگە بىر تەدبىر، بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» پىرىنسىپى بويىچە، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھازىر يەنىلا «يازنىڭ ئۈچ ئىشى»دىكى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، ھەرقايسى جايلارنىڭ دېھقانچىلىق ۋاقتىغا دەخلى قىلماسلىق تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى توسۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ راۋانلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئالدىن يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ، ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك؛ ھەرقايسى جايلارنى «نۇقتىدىن نۇقتىغا يەتكۈزۈش شەكلى»دە ئاپتوموبىل ھۆددىگە ئېلىپ توشۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى ساقلاشقا تەشكىللەش كېرەك. تۆتىنچى، ھەر ۋاقىت تۆۋەن چەكنى تولۇق ساقلاپ، تولۇق مۇستەھكەملەپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، كۆكتات، ئاشلىق قاتارلىق نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈش ـ كۆيۈنۈش ۋە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي تۇرمۇشى ۋە زۆرۈر ئېھتىياجىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بەشىنچى، ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەدبىر يۈرگۈزۈپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى مەخسۇس تۈر بويىچە قوللاش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق يۆلەش، پۇل مۇئامىلە ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى قاتارلىقلار ئارقىلىق قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك؛ سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇرۇپ قالغان ساياھەتچىلەر ۋە كېسەل كۆرسىتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئوقۇش، خىزمەت قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققانلارنىڭ شىنجاڭدىن ئوڭۇشلۇق ئايرىلىشىغا دەل جايىدا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ياخشى شارائىت يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەشيا ئوبوروتى، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خادىملارنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال ھەل قىلىپ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھازىرقى ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ساقلانغان مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يۈكسەك ھوشيار بولۇشى، يۈكسەك مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئومۇميۈزلۈك رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ۋاقتىدا بايقاپ، مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشى، بولۇپمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىش، ئۇزاق ۋاقىت قاتناشقا چەك قويۇش سەۋەبىدىن قىستاڭچىلىقتا توسۇلۇپ قىلىش، تۇرۇپ قېلىش، دېھقانلارنىڭ ئېتىزدا ئىشلىشى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشىنى چەكلەش، خەۋپ ـ خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرلىرىنى بىراقلا ئايرىۋېتىش، قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىش توختىتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى جەزمەن دەرھال تۈزىتىشى، تەلتۆكۈس تۈزىتىشى كېرەك. پاش قىلىش، ئەرز قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاتناش ـ تىرانسپورت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىش ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قىزىق لىنىيەسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق تورى سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئالاقە تورى سۇپىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەرز ـ شىكايەتلىرىنى ۋاقتىدا جەملەپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش كېرەك.

جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، قادېن كەبىن، جارۇللا ھېسامىدىن، چېن مىڭگو، ليۇ سۇشې، شۆ بىن، ليۇ خۇيجۈن، لى جېنگو، ليۇ شىنجيەن، جياۋ شياۋپىڭ، جاڭ ۋېنشېڭ، لى شۈ قاتارلىقلار قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھەرقايسى خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار ۋە بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى شى، شەھەرلىرى، تۇەن، مەيدانلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەشيا ئوبوروتى كاپالىتىگە ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.