تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ لۇ، سۈي يۈيۇڭ، ۋاڭ لۇڭجياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملار ۋە كاپالەت خادىملىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى.

ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ باي ناھىيەسىدىكى مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسى، مەھەللە، تەكشۈرۈش پونكىتى ۋە كارخانا قاتارلىقلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقى ۋە شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش قاتتىق جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز سىنلىق يىغىن ئېچىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بىڭتۇەن 1 ـ شىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەۋپ ـ خەتەر، يوشۇرۇن خەۋپنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: 9 ـ نۇسخىدىكى ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش لايىھەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خادىملارغا قارىتا يۇقىرى زىچلىقتا خېسۇەن تەكشۈرۈش بويىچە تاسقاپ تەكشۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاش بايلىقىدىن مەركەزلىك ياخشى پايدىلىنىپ، قاراتمىلىققا ئىگە داۋالاش ۋاسىتىلىرىنى يولغا قويۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش ـ داۋالاش كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزلىك ئايرىۋېتىش نۇقتىسى، فاڭساڭ دوختۇرخانىسى، خەۋپ ـ خەتىرى ئوتتۇراھال، يۇقىرى مەھەللە قاتارلىق نۇقتىلىق مەيدان ـ سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، تەرتىپنى ھەقىقىي ئەلالاشتۇرۇپ، تېببىي خادىملار، خىزمەتچى خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىش ۋە گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئايرىۋېتىلگەن ئاممىغا بولغان خىزمەتنى ئىنچىكە، سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش جايىدا بولۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى جايىدا بولۇش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇلۇۋاتقان رايونلاردىكى ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار، ھامىلىدارلار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ تۇرمۇش ۋە كېسەل كۆرسىتىش ئېھتىياجىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، باشقۇرۇشنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. ئۇچۇر يوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇچۇر يوللاش ئۈنۈمى ۋە دەل جايىدا بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، توردىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەۋپ ـ خەتەر رايونلىرىنى ئىلمىي ئايرىپ بېكىتىش، ھەم قاراڭغۇ رايون قالدۇرماي، ھەم دائىرىنى كېڭەيتمەي، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كارخانىلارنى يېپىق ھالقىلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى ناھىيە(شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرىنچى قول رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە كۆپ بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ۋە قاتلاممۇقاتلام يۈكلەشنى قەتئىي توسۇش كېرەك. يۇقۇم يۈزبەرمىگەن ناھىيە، شەھەرلەر ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.