توردا «قەلب كۆۋرۈكى»نى ياخشى سېلىش

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

شۈ چىڭگۇاڭ

پۈتۈن جەمئىيەتتە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەش بەلگىلىك كۆۋرۈك، ۋاسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. شىنجاڭدا بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ۋاقتىدا «ئاڭلاش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، توردا «قەلب كۆۋرۈكى»نىڭ رولىنى كۈچلۈك نامايان قىلدى.

خەلق تۇرمۇشىدا كىچىك ئىش يوق، پۇقرالارنىڭ چوڭ ـ كىچىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك. قاتناش ـ سەپەرگە چىقىشتىن ئۆي ـ مۈلۈك سودىسىغىچە، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن كېسەل كۆرسىتىش، ئوقۇشقىچە، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما باش قاتۇرۇۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك زور بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇرغۇن تورداشنىڭ سەمىمىي ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى مۇۋاپىق ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى تولۇق ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «پۇقرالارنىڭ تەقەززاسى» بىلەن «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىلىپ بەرگىنى»نى زىچ باغلىغاندىلا، يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى تاراتقۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى ۋە نەتىجە يارىتىشىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

«ئۆيدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆيدىكىلەر بىلىدۇ، سىياسىيدا سەۋەنلىك كۆرۈلگىنىنى خەلق بىلىدۇ». «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدە، كەڭ تورداشلار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى ئىنكاس قىلىپلا قالماي، يەنە پائال تەكلىپ بېرىپ، ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىپ، ئاقىل ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قىممىتى بار «قالتىس چارە»لەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار دائىم تورغا چىقىپ سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنى كۆرۈپ، تورداشلارنىڭ ئىنكاس ـ تەلەپلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئويلاۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئىگىلىسە، بەلكىم توردىن ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن نۇقتىنى بايقاپ، تور تىلىدىن ئىدارە قىلىشتىكى قاراڭغۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يېتىپ، تور تىلىدىن ئىدارە قىلىشنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى مۇمكىن.

توردىكى ھەربىر ئىلتىماس ـ تەلەپ ۋە تەكلىپ ھەم ئاممىنىڭ مەنپەئەت مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك، ھەم جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك. «مەسىلە» ۋە «تېما»غا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغاندىلا، تور ۋە تور سىرتىدا «مەركەزداش چەمبەر» بەرپا قىلىپ، پارتىيە قەلبى بىلەن خەلق قەلبىنىڭ ماس قەدەملىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)