تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇردى

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش پەۋقۇلئاددە مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلمىي، دەل جايىدا ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزدى، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش راۋان بولدى

كارخانىلارنىڭ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچ.

«شىركىتىمىز نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا بولامدۇ ـ يوق؟» ئۈرۈمچى شەھىرى رېديەن يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ پېڭنىڭ سورىغان سوئالىغا، ناھايىتى تېزلا جاۋاب كەلدى − ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى يول خېتى بېجىرىپ، تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر زاۋۇتقا قايتىش، خام ماتېرىياللارنى زاۋۇتقا كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ۋاقتىدا ياردەملەشتى.

كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى رايوندا تۇرۇشلۇق كارخانىلارغا 1600 پارچىدىن ئارتۇق يول خېتى تارقىتىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ماددىي ئەشيالارنى توشۇش ۋە مەھسۇلاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ماسلاشتۇرۇشىدا، بىر كۆمۈر ئېلېكتىر كارخانىسى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان بىر تۈركۈم زاپاس بۇيۇم، زاپاس زاپچاسلار بىخەتەر ھالدا ئورنىغا يەتكۈزۈلۈپ، بۇ كارخانا نورمال ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى تېزدىن ماددىي ئەشيا كاپالىتى، ئاپتوموبىللارنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە نورمال ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق گۇرۇپپىلارنى قۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، ماددىي ئەشيا كاپالىتى گۇرۇپپىسى كارخانىلارنىڭ قىس بولغان ماددىي ئەشيالىرىنى پائال ماسلاشتۇردى، ئاپتوموبىللارنى راۋانلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى تەۋەلىك رايونغا كىرىپ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرۇپ، يۈك توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ كارخانىلارغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان تەسىرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈردى.

ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى)غا جايلاشقان شىنچىكاڭ دورىگەرلىكى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى يېپىق ھالقىسىمان باشقۇرغان بولۇپ، كۈندىلىك دورا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 200 مىڭ قۇتىغا يېتىدۇ. «باغچە رايونىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كارخانىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت يوللىرى راۋانلاشتى.» شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى كېئاۋ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە مىقدارغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا دورا ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇشقا «كۈچ قوشۇلدى»

«يۈزتۇرا مۇلازىمەت قىلىش، نۇقتىلار بويىچە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش، ئالاھىدە مەزگىلدە كارخانىلار دۇچ كەلگەن ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، توسۇق نۇقتىلارنى تېز راۋانلاشتۇردى.» بورتالا چېگرا ئىقتىساد ھەمكارلىق رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ جيەنشۈن مۇنداق دېدى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، باغچە رايونى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى، ئاپتوموبىل تىرانسپورتى قاتارلىق خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، ئادەمنى، ئىش ئورنىنى، مەسئۇلىيەتنى بېكىتتى ھەم مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا توپلاپ ھەل قىلىپ، يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونىدىكى ۋۇيۆ مەيدانى تۈرىدە جىددىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىلماقتا. مىدۇڭ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى ھەم ئالاقىدار تارماقلار تۈردە ئىش باشلاش ئۈچۈن ئاپتوموبىللارنى يول خېتى بىلەن تەمىنلىدى ھەم «بىرگە بىر» ئۇدۇللاشتۇرۇپ ياردەم قىلىش ـ يۆلەش گۇرۇپپىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

مىدۇڭ رايونلۇق قۇرۇلۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى دىڭ شىنياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە، تۈر مۇلازىمىتى خىزمىتىنى نۇقتىلار بويىچە ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ۋاقتىدا، سۈپەت ۋە مىقدارغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«ياتاق شارائىتى بار كارخانىلارغا قارىتا، بىز كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا، زاۋۇتقا قايتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈردۇق ھەم كارخانىلار خام ماتېرىيال، مەھسۇلات ئوبورۇتىدا يولۇققان مەسىلىلەرگە بىر ـ بىرلەپ ھۆكۈم قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى كارخانا مۇلازىمەت كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى جىن يۇڭجيې مۇنداق دېدى: «ياتاق شارائىتى تولۇق بولمىغان كارخانىلارغا قارىتا، كارخانا ئىشچى ـ خىزمەتچىلىرىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ رەتلەپ، كارخانىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، نۇقتىدىن نۇقتىغا ئاپىرىپ ئەكېلىشنى يولغا قويۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئولتۇراق رايوندىن چىقىپلا ئاپتوموبىلغا چىقىشىغا، ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپلا زاۋۇتقا كىرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق».

كۆپ مەنبەلىك كاپالەت ئارقىلىق، مۇلازىمەت يەنىمۇ كۈچەيتىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر قىسىم كارخانىلاردا يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇش مەزگىلىدە كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋاقتىنچە يېتىشمەسلىك كۆرۈلدى.

بۇ مەسىلىگە قارىتا، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، مۇھىم تېخنىكىلىق ئىش ئورۇنلىرىدا ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئالتە ساھەدىن 50كە يېقىن كەسپىي تېخنىكا تايانچىنى تاللاپ چىقىپ، تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىلىق، تەۋەلىك رايوندىكى كارخانىلار ئۈچۈن كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمىتىنى نىشانلىق ياخشى ئىشلىدى.

«تەرەققىيات رايونى ئورناتقان ئادەم كۈچى بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى تېخنىك خادىملار ۋاقىتلىق كەمچىل بولۇشتەك يوچۇقنى تولدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا يولۇققان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەل قىلىپ، شىركەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.» جۇڭگو كۆمۈر ئېنېرگىيەسى شىنجاڭ كۆمۈر ئېلېكتىر خىمىيە چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى نىڭ جياڭتاۋ مۇنداق دېدى: «بىز ئىشلەپچىقىرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

ھازىرقى باسقۇچتىكى تۈرلۈك باج ئىشلىرىنى بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغا ۋاقتىدا ماسلىشىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇم مەزگىلىدە باج ئىشلىرىنى بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش توغرىسىدىكى سەمىمىي ئەسكەرتمىنى ئېلان قىلدى، سىرتقا قارىتىلغان 232 مەسلىھەت سوراش تېلېفونىنى ئېلان قىلدى ھەم 269 نەپەر بىرىنچى سەپتىكى باج كادىرىنى باج ئىشلىرىنى بېجىرىش مۇلازىمەت زالىغا نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «ئۇچراشماس شەكىلدە» كەسىپ بېجىرىشنى پۈتۈن كۈنلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

«بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى يەنە ھەرقايسى جايلارنىڭ <توردا بېجىرىشنى ئاساس قىلىش، مەخسۇس خادىم مەسئۇل بولۇش> مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئالماشتۇرۇشىغا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، <چىۋېيشۇي> باج بىلەن كارخانا ھەمتۈرتكە بولۇش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، دائىرىلەشكەن مۇلازىمەت توپى قۇردى ھەم تېلېفون، ۋىيشىن، سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق <بىرگە بىر> يىراق مۇساپىلىك كەسىپلەر بويىچە ياردەم قىلىپ بېجىرىپ بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، باجغا چېتىشلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا ھەل قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى نازارەتچىلىك ئىچكى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ جۈنچېڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە، باج قايتۇرۇش، باجنى كېمەيتىش، باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا.

(مۇخبىر ليۇ شياڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار گۇەن مېڭيىڭ، گاۋ فېڭ، ما يىنىڭ، مېھرىگۈل ناسىر، سۇڭ ياۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ چيەنشى)