جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

قەشقەر:

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

قەشقەرنى ئايلانسىڭىز، ئەنئەنە بىلەن مودىنىڭ گىرەلەشكەنلىكىنى، قەدىمىيلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۇغۇرۇلغانلىقىنى ھېس قىلىسىز، يېڭى دەۋرنىڭ تومۇرى كۈچلۈك سوقماقتا، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىد يۈزگە ئۇرۇلدى.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى كۈنسايىن يېڭىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

«ئېچىۋېتىش شاھمات ئۇرۇقى»نى ياخشى مېڭىش

ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، ماشىنا ـ ئۈسكۈنە، ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب قاتارلىق ماددىي ئەشيالار لىق بېسىلغان يۈك ساندۇقىلىق يۈك ئاپتوموبىللىرى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تەرتىپلىك رەتكە تىزىلىپ تاموژنىدىن ئۆتتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ھەتتا ياۋروپا بازارلىرىغا يۈزلەنگەن ماشىنا ـ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ياساش، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى قۇراشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق زور بىر تۈركۈم كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

«بىزنىڭ قەشقەرگە ماكانلىشىش قارارىمىز توغرا بولغان، بۇ يىل شىركىتىمىزنىڭ ئىش مىقدارىنىڭ 10 مىليون تالوندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار» دېدى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جاڭ چى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

جاڭ چىغا ئوخشاش، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى كۆپ كارخانىچىلار قەشقەرگە توپلىنىشقا باشلىدى. نۆۋەتتە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا جەمئىي 225 بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭىدىن 83 كارخانا كۆپەيدى.

«دۆلىتىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىقتىساد ـ سودا جەھەتتە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر ـ بىرىنى تولۇقلاشچانلىققا ئىگە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى جەھەتتە ئىستىقبالى پارلاق.» قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باغچە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى جاۋ چۇنلىن مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە كېڭەيتىپ، تاشقى سودا «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز زورايتىۋاتىدۇ. 2021 ـ يىلى، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى 3 مىليارد 710 مىليون يۈەن ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودا سوممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %436.9 ئاشتى، 2019 ـ يىلىدىكىدىن ئون ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

بۇ يىل 2 ـ ئايدا، گوۋۇيۈەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى بولۇشىنى تەستىقلىدى، قەشقەرنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى.

بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەردىن پاكىستاننىڭ ئىسلامئاباد، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت، بېلگىيەنىڭ ليېج، پاكىستاننىڭ لاھورغا بارىدىغان تۆت خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، قەشقەر ۋىلايىتى «تاشيول، تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە»دىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چوڭ يولىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلدى، غەربكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەنمەكتە.

ئەۋزەل كەسىپلەرگە كۈچ سەرپ قىلىش

قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سەبدەرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىپ، گۈل دېڭىزىنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، شەھەر مەھەللىسى كەنتىگە گۈزەل تۈس قوشقانىدى.

سەبدەرگۈلنى شۇ جايدىكى ئامما «بېيىش گۈلى» دەپ ئاتايدۇ. «بىز بادامزارلىققا سەبدەرگۈلنى كىرىشتۈرۈپ تېرىدۇق، سەبدەرگۈلنىڭ ھەرموسىدىنلا 3500 يۈەن كىرىم قىلالايمىز» دېدى يەكەن ناھىيەسى چارەك بازىرى شەھەر مەھەللىسى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئانارگۈل ئابدۇل.

«سەبدەرگۈلنىڭ مو بېشى ساپ كىرىمى 3000 يۈەن ئەتراپىدا.» چېنگۇاڭ بىيو پەن ـ تېخنىكا گۇرۇھى يەكەن چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تۇڭ يۈخەي مۇنداق تونۇشتۇردى: «شىركەت + بازا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ئەندىزىسى ئارقىلىق، يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەبدەرگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى 2012 ـ يىلىدىكى 30 مىڭ مودىن بۈگۈنكى كۈندىكى 100 مىڭ موغا تەرەققىي قىلىپ، 78 مىڭ ئائىلىلىك دېھقاننىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاچقۇچ، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي تىرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قەشقەردىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كەنتلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر يۈرگۈزۈپ، ئۈنۈمنى مەركەز قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىنى تايانچ قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى خاس ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىشقا پائال يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ ئوچار بازىرى بوزغۇن كەنتىگە كىرگەندە، كۆز يەتكۈسىز ئۆرۈك دەرەخلىرى كۆزگە چېلىقىدۇ.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا ئۆرۈكنىڭ باھاسى ئۆستى، بۇلتۇر ئائىلىمىز ئۆرۈك سېتىپ 25 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق» دېدى بوزغۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئارزۇگۈل توختى.

بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ خاس باغ ـ ئورمان تېرىقچىلىق كۆلىمى 5 مىليون 820 مىڭ موغا يېتىپ، شىنجاڭ بويىچە ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىدى، دېھقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى ئىچىدە باغ ـ ئورمانچىلىق كىرىمى %30تىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى.

يەكەن بادىمى، پەيزاۋات شىنمېيسى، يېڭىسار سەمەت ئۆرۈكى، قاغىلىق ياڭىقىدىن ئىبارەت بۇ كۆپلىگەن «قەشقەر ماركىسى» سانسىزلىغان دېھقان ئاممىسىنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تېخىمۇ چوڭ بازارلارغا يۈرۈش قىلدى؛ مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ «كۆك بەرە»سى، مەكىت ناھىيەسىنىڭ بالدۇر پىشىدىغان «قارا مەرۋايىت»ى، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ بېيبېي قوغۇنى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭ سىرتىدىكى بازارلاردا بازار تاپتى؛ يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ ئارپىبەدىيان كەسپى، يەكەن ناھىيەسىنىڭ سەبدەرگۈل كەسپى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلچا كەسپى، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ لازا پىششىقلاش كەسپى قاتارلىقلار شۇ جايلاردىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرىدىغان يېڭى تايانچ نۇقتىغا ئايلاندى.

«يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنىڭ چوڭقۇرلۇق، كەڭلىك، قىيىنلىق دەرىجىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن قېلىشمايدۇ، بىز ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئەنۋەر تۇرسۇن.

بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر باغ ـ ئورمانچىلىق، سۈت مەھسۇلاتلىرى، مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى قاتارلىق خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلماقتا.

مەدەنىيەت ـ ساياھەتنىڭ يۇغۇرما مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش

تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاشقورغان يېزىسى توغلۇنشار كەنتى خۇددى غايىۋى گۈزەل ماكانغا ئوخشايدۇ، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك تەبىئىي مەنزىرىسى ۋە تارىخىي قىياپىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلماقتا.

«ھەپتە ئاخىرىدا ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ چاغدا، بىر كۈندە 50كە يېقىن ساياھەتچىنى كۈتۈۋالالايمىز، ئايلىق كىرىمىمىز 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى توغلۇنشار كەنتى «ئالتۇن سۆگەت تاجىك ساياھەت چارۋىچىلار ئارامگاھى»نىڭ ئىگىسى ئازىنا قۇربان.

ياخشى ئېكولوگىيە ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ياخشى مەنزىرە ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا دېھقان ـ چارۋىچى ئاممىغا تەرەققىياتنىڭ «پايدا نىشانى»نى كۆرسىتىپ بەردى. دېھقانلار ئارامگاھى، چارۋىچىلار ئارامگاھى، سەھرا ئارامگاھى قاتارلىق يېزا ـ كەنتلەرنىڭ دەم ئېلىش مەھسۇلاتلىرىغا تايىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتى 151 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى بىۋاسىتە ۋە ۋاسىتىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

چىرايلىق گىرىم قىلىپ، ئەتلەس كۆڭلەك تاللاپ كىيىپ، فوتو ئاپپاراتنىڭ «چارس» قىلغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر قويۇق مىللىيچە تۈسكە ئىگە قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدا گۈزەل دەقىقىلەردىن خاتىرە قالدۇردى.

«مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، پەقەت مىللىيچە خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەتنى ياخشى قېزىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچنى نامايان قىلىپ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى زورايتىپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەسپىنى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ۋە جۇشقۇنلۇققا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ» دېدى قەشقەر شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ لىن.

قەشقەر قەدىمىي شەھەر مەنزىرە رايونى، پوسكام ئالتۇن توغراق مەنزىرە رايونى، تاشقورغان پامىر ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق داڭلىق مەنزىرە نۇقتىلىرى، مەنزىرە رايونلىرىدىن باشقا، يەنە يىپەك يولى ئۆرپ ـ ئادەت ئېسىل لىنىيەسى، پامىر ساياھىتى ئېسىل لىنىيەسى، شۈەنزاڭ شەرققە قايتىش ئېسىل لىنىيەسى، توغراق ئۇچرىشىشى ئېكولوگىيەلىك ئېسىل لىنىيەسى قاتارلىق ماركا لىنىيەلىرى بار بولۇپ، بۇلار قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت ـ ساياھەت يېڭى ماركىسىغا ئايلانماقتا.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، قەشقەر ۋىلايىتى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 8 مىليون 881 مىڭ 700 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.81 ئاشتى، 5 مىليارد 915 مىليون يۈەن ساياھەت كىرىمى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۈگۈنكى قەشقەردە، ھەممە جايدا ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق ئۇرغۇپ تۇرماقتا. ھەر مىللەت ئامما كۆتۈرەڭگۈ روھ، جاسارەت بىلەن پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقماقتا.