ئىللىقلىق ھەممە يەردە بار، بىز سىزنى ئەتراپلىق قوغدايمىز

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

− ھەرقايسى جايلار كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلدى، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلار، مېيىپلەر ۋە يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى كىشىلەرنى ئەندىشىگە سالدى. شۇڭا، جايلار ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى ئېنىقلاپ ياردەم قىلىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ھەقسىز كۆكتاتلار ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى

ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنىڭ خەۋپ ـ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بىرقەدەر ئاجىز، لازىمەتلىكلەرنى زاپاس ساقلىشى نىسبەتەن يېتەرسىز بولىدۇ، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا شەھىرى قاتارلىق جايلار ھەقسىز كۆكتات قاچىلانغان خالتا تارقىتىش شەكلىنى قوللىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى جەنۇبىي نەنخۇ يولى كوچا باشقارمىسى ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەھەللىسىدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئاھالە تاۋ شيۇمىن 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى بىر ھەقسىز كۆكتات قاچىلانغان خالتىنى تاپشۇرۇۋالدى، ئىچىدە شوخلا، لازا، چەيزە، گەنلەن، پىياز، سەۋزە قاتارلىق كۆكتاتلار بار ئىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەر ئۈچ كۈندە بىر خالتا 30 يۈەن قىممىتىدىكى كۆكتات تارقىتىپ بەردى، نۆۋەتتە تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆكتات قاچىلانغان خالتىلار تولۇق تارقىتىپ بولۇندى.

«سىلەرگە كۆپ رەھمەت، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى بولغاچقا ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.» 8 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى، ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلگەن ھەقسىز كۆكتات قاچىلانغان خالتىنى ئېلىپ، بورتالا شەھىرى چىندالا كوچا باشقارمىسى شۇشياڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى رەشىدەم ھاياجېنىنى باسالماي قالدى. شۇشياڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن لىپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار ھەقسىز كۆكتات قاچىلانغان 568 خالتىنى تەۋەلىكىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئائىلىلىرىگىچە يەتكۈزۈپ بەردى.

8 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنىدىن بۇيان، بورتالا شەھىرىدىكى ھەرقايسى كوچا باشقارمىلىرى، يېزا ـ بازارلار، كارخانىلار يۇقۇم مەزگىلىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە ياردەم قىلىش ـ يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قىممىتى 620 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان 14 مىڭ بولاقتىن ئارتۇق مېھرىبانلىق سوۋغىسى تارقاتتى.

ئىسسىق تاماق شىرەگە قويۇلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلارنىڭ تامىقىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەھەللىلەر ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ياشانغانلارنى ھەر كۈنى ئىسسىق تاماق يېيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.

«ھەدە، بۈگۈنكى چۈشلۈك تاماقتا كالا گۆشى قورۇمىسى، كاۋا قورۇمىسى ۋە مىفەن يەيمىز. ئىسسىقىدا يەۋېلىڭ، يەنە قانداق ئېھتىياجىڭىز بولسا ماڭا ئېيتىڭ.» 8 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شۇيتاشەن كوچا باشقارمىسى چىڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ كادىرى كەن چىڭشەن مەھەللە ئاشخانىسى ئەمدىلا تەييارلىغان چۈشلۈك تاماقنى ئېلىپ، چۈ زىمىن موماينىڭ ئۆيىگە كەلدى ھەم ئۇنىڭغا تاماقنى يېگۈزۈپ قويدى. بۇ يىل 90 ياشقا كىرگەن چۈ زىمىننىڭ پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، جورىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىزچىل يالغۇز تۇرۇۋاتاتتى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەھەللە ياشانغانلارنىڭ ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغانلىقى، تاماق ئېتىشنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەھەللە ئاشخانىسىدا ياشانغانلارغىمۇ چۈشلۈك تامىقىنى ئېتىپ بەردى. ئاشپەز تاماق ئەتكەندە، يەنە ئالايىتەن ياشانغانلارغا چۈشلۈك تامىقىنى يۇمشاقراق قىلىپ بەردى.

چىڭچۈەن مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن يىۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: چىڭچۈەن مەھەللىسىدە ھازىر يالغۇز تۇرىدىغان 55 ياشانغان كىشى بولۇپ، ئۇلار ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئاددىي بولغان ناشتىلىق، كەچلىك تاماقنى ئۆزى تەييارلىيالايدۇ، مەھەللە بولسا قۇۋۋەتلىك چۈشلۈك تاماق تەييارلاپ بېرىدۇ. مەھەللە كادىرلىرى ھەر كۈنى ياشانغانلارغا چۈشلۈك تاماق ئاپىرىپ بەرگەندىن سىرت، يەنە دائىم ياشانغانلارغا موما ۋە كۆكتات ئالغاچ بارىدۇ.

ئۇدا بىرنەچچە كۈندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) شىمالىي جۇڭيا يولى تەۋەلىك رايونى چياۋدۇڭ مەھەللىسىدىكى كادىرلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياردەم قىلىپ يۆلىشى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان چېن شيەنجېننى ناھايىتى خاتىرجەم قىلدى. بۇ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ يەنچىن ئۇنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق كۆكتات سېتىۋالالمايدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر كۈنى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ شۇ كۈنلۈك ئېھتىياجىنى سوراپ، چۈشلۈك تاماقتىن بۇرۇن كۆكتاتلارنى ئۆيىگە ئاپىرىپ بەردى، بەزىدە يەنە ئۇنىڭ كۆكتاتلارنى ئادالاپ تاماق ئېتىشىگە ياردەملىشىپ، ئىسسىق تاماقنى شىرەگە قويغاندىن كېيىن كېتەتتى.

قىيىنچىلىق، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرگە مەسئۇل كىشى بار

«ئاپا، توك كەلدى، قاراڭ ئۆينىڭ چىرىغى ياندى.» تېكەس ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ كۆكتېرەك قىرغىز يېزىسى مويىنتاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ماقبال مېرام 72 ياشلىق كەنت ئاھالىسى تۇراقان جاكەينىڭ ئۆيىگە كەلدى. «قىزىم، سىزگە رەھمەت، تېخى مېنىڭ توك پۇلى تاپشۇرۇشۇمغىمۇ ياردەملەشتىڭىز، سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشىمنى راستىنلا بىلەلمىدىم» دېدى موماي ھاياجانلانغان ھالدا. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ماقبال دائىم ياشانغانلارنى يوقلاپ تۇردى. 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ماقبال ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، تۇراقان موماينىڭ ئۆيىنىڭ توكى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، يان تېلېفونىنى چىقىرىپ توردا توك پۇلى تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش، ياردەم قىلىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا مەسئۇل بولىدىغان، ياردەم قىلىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. غۇلجا شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش بويىچە «جىددىي ئەھۋالدا، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش» رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، 800 مىڭ يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش مەبلىغىنى جىددىي ئاجرىتىپ، «ماددىي ئەشيا +» قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش شەكلى ئارقىلىق شەھەر بويىچە ئېنىقلاپ چىقىلغان يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغانلار، ئېغىر كېسەل، ئېغىر مېيىپ كىشىلەر، ئائىلىدە قالغان بالىلار قاتارلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى يولغا قويدى.

«ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش شەكلى ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردۇق.» ئۈرۈمچى ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) بەينياۋخۇ تەۋەلىك رايونى شياڭيۈن مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى لىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ھەر كۈنى مەھەللە كادىرلىرى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز 50 نەچچە ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ خېسۇەن تەكشۈرىدۇ، كۆكتات، دورا سېتىۋېلىپ يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىدۇ، داۋالىنىش ئېھتىياجى بار ئاھالىلەرگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، مەھەللە يەنە مەخسۇس ئاپتوموبىل ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئاپىرىش ـ ئەكېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپىنى قايتىدىن رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، قايتىدىن تىزىملاپ، تۈرگە ئايرىپ ئۇچۇر تىزىملىك دەپتىرى تۇرغۇزدى ھەم كۆيۈنۈش، ياردەم قىلىش ـ يۆلەش خىزمىتىنى تېز قانات يايدۇردى. پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى رايونلۇق، ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بۇ يىل 8 ـ ئايلىق تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى بېقىش پۇلىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاتتى، ھەربىر ئادەمگە 300 يۈەن كۆپەيتىپ تارقىتىش ئۆلچىمى بويىچە، بىر قېتىمدىلا 1 مىليون 697 مىڭ 700 يۈەن ياردەم پۇلنى كۆپەيتىپ تارقىتىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار 5659 كىشىگە نەپ يەتكۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، 17 مىڭ 900 يۈەن ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پۇلى تارقاتتى.

(مۇخبىر لى لىن، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ مېڭفەن، ۋېي خۇڭپىڭ، جاۋ شىيا، ئىختىيارىي مۇخبىرلار كاڭ چياڭ، دۇ يەنشيا)