تەر تامچىلىرىدا جۇلالانغان ياشلىق باھار ئاساسىي رېڭى

日期:2022年08月17日
来源:天山网
【字体:

8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى شۇ كۈنلۈك خېسۇەن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ بولغان چىڭ شۈەنيىنىڭ پەلىيىدىن تەر تامچىلاپ چۈشتى.

8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، چىڭ شۈەنيى بىلەن رىزۋانگۈل ئاھالىلەرگە مېۋە ـ كۆكتاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشكە ماڭدى ھەم غەلىبە مەنىسىدە قول ئىشارىسى قىلدى.

8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، چىڭ شۈەنيى(ئوڭدىن 2 ـ كىشى) ئاھالىلەرگە داشۆگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى، خەۋىرى

«502 ـ ئۆينىڭ شاپتۇلى ۋە 301 ـ ئۆينىڭ شوخلىسى كەلدى، مەن ھازىرلا يەتكۈزۈپ بېرەي.» 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى شىسەن تەۋەلىك رايونى يۇڭكاڭ 1 ـ كوچىسى شەرقىي مەھەللىسىدىكى شياڭلىن مېيتىڭ ئولتۇراق رايونىدا، مۇداپىئە كىيىمى كىيگەن بىرنەچچە ياش پىدائىي كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، ئۇلار شۇ كۈنى ئاھالىلەر زاكاز قىلغان تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى.

بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن چىڭ شۈەنيى سىچۇەندە پەرۋىش كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، يازلىق تەتىلدە ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنىدى، مەھەللىنىڭ پىدائىيلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىملاتتى، مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۇچۇرلارنى تىزىملاش، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىدى.

«ئاتا ـ ئانام مېنىڭ پىدائىي بولۇشقا تىزىملاتقانلىقىمنى بىلىپ، مېنى بەك قوللىدى.» چىڭ شۈەنيى مېۋە، كۆكتات تەقسىملىگەچ مۇنداق دېدى: شياڭلىن مېيتىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يېشى ئومۇميۈزلۈك چوڭراق، مەن ئولتۇراق رايوندىكى ياشانغانلارغا يان تېلېفوندا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى قانداق سېتىۋېلىشنى چۈشەندۈردۈم. ئۆيلەرگە كىرىپ خېسۇەن تەكشۈرگەندە، مەن يەنە ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا تەسەللى بەردىم.

چىڭ شۈەنيى بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن پىدائىيلاردىن يەنە شىنجاڭ سىفەن ئالىي تېخنىكومى (شىنجاڭ مائارىپ شۆيۈەنى)نىڭ ئوقۇغۇچىسى رىزۋانگۈل ئەمەتمۇ بار. «ئويلىمىغان يەردىن مېنىڭ تۇنجى <خىزمىتىم> پىدائىي بولۇش بولدى، بۇنداق كەچۈرمىش مەن ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك. گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ناھايىتى پەخىرلىنىمەن.» بۇ كۈنلەردە، 20 ياشلىق رىزۋانگۈل ھەر كۈنى سەككىز سائەت پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك سېتىۋېلىشىغا، تېز يوللانمىلارنى تاپشۇرۇۋېلىشىغا ياردەم بەردى... پىژغىرىم ئىسسىقتا مۇداپىئە كىيىمىنى كىيىپ ئۇياقتىن ـ بۇياققا چېپىپ يۈرۈپمۇ قىلچە ئاغرىنمىدى.

«ھازىر يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ، بۇ<2000-يىللاردا تۇغۇلغانلار>يۇقۇم ئۈستىدىن جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بىلەن، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق <ئۆزىنى بېغىشلاش، دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئالغا ئىلگىرلەش>تىن ئىبارەت پىدائىيلار روھىنى نامايان قىلىپ، <پىدائىيلار قىزىل رېڭى>نى يۇڭكاڭ 1 ـ كوچىسى شەرقىي مەھەللىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى يارقىن رەڭگە ئايلاندۇردى» دېدى يۇڭكاڭ 1 ـ كوچىسى شەرقىي مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ جىگاڭ.