بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدا شىنجاڭدا ھازىرغىچە جەمئىي 107 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى

日期:2022年08月16日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ لۇپىڭ) 8- ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى خۇ جىچۇن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇم ئاساسىي ئەھۋالى ھەم داۋالاش- قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

خۇ جىچۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى دوختۇرخانىدىن چىقىرىش\ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلىشنى باھالاش ۋە باشقۇرۇشنى ياخشى تەشكىللىدى. بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇمدا، ھازىرغىچە جەمئىي 107 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى.

9- نۇسخىدىكى دىياگنوز قويۇش- داۋالاش لايىھەسى ئۆلچىمى بويىچە، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئارىلىقى 24 سائەت بولغان ئۇدا ئىككى قېتىملىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۇەن تەكشۈرتۈشىدە N گېن ۋە O گېنىنىڭ Ct قىممىتىنىڭ ھەممىسى 35 تىن يۇقىرى ياكى 35كە تەڭ بولسا، ياكى ئۇدا ئىككى قېتىملىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس خېسۇەن تەكشۈرتۈشىدە مەنپىي چىقسا، ئاندىن ئايرىپ تېببىي كۆزىتىشنى بىكار قىلىشقا بولىدۇ.

ئاغرىقلار دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يەتكەندىن كېيىن، يەنە ئۇدا يەتتە كۈن ئائىلىدە سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش- ئۆلچەش ئېلىپ بېرىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ماسكا تاقىشى، ئەگەر شارائىتى بولسا ھاۋا ئالماشتۇرۇش شارائىتى ياخشى بولغان يالغۇز كىشىلىك ئۆيدە تۇرۇشى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىشىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشى، پات- پات قول يۇيۇپ، دېزىنفېكسىيە قىلىشى، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ غىزالىنىشى، سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.