«ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى يۇقۇم ئەھۋالىغا چېتىشلىق ئاممىنىڭ بىر تۈركۈم ئىلتىماس- تەلىپىنى ھەل قىلدى

日期:2022年08月16日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تورداشلار سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئارقىلىق يۇقۇم مەزگىلىدىكى سەپەرگە چىقىش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، داۋالىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى، 8 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن ھازىرغىچە، يېڭىدىن كۆپەيگەن قالدۇرۇلغان سۆز جەمئىي 450تىن ئاشتى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، ئۇدۇللىشىپ، ئاممىنىڭ بىر تۈركۈم ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

«شىنجاڭدىن قانداق ئايرىلىمىز، ئۇنىڭغا قانداق ئىسپات كېرەك» «خېسۇەن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئاستا چىقىدۇ، 48 سائەت ئىچىدە ئىككى قېتىم مەنپىي بولغانلىق ئىسپاتى تەييارلاشقا ئامال يوق، ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭدىن ئايرىلىش يېشىلمەس تۈگۈن بولۇپ قالدى» «نېمە ئۈچۈن نوپۇس تەۋەلىكى باشقا يۇرتنىڭ بولسا ئايرىلسا بولىدۇ، شىنجاڭ تەۋەلىكىدە بولسا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ماڭسا بولمايدۇ» «ھەرقايسى ھەق ئېلىش پونكىتى قانداق ئىسپاتنى كۆرسە ئاندىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ»... يۇقۇم تۇيۇقسىز يۈزبەردى، يۇرتىغا قايتىپ تۇغقان يوقلىغان، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلغان نۇرغۇن كىشى ھەمدە مەكتەپكە قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭدىن ئايرىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى.

«ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى ئارقىلىق ئەرز قىلىش، ياردەم تەلەپ قىلىش ئۇچۇرلىرى جەملىنىپ ھەم ئالاقىدار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تارماقلىرىغا مەركەزلىك ئىنكاس قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىشى ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ھەم ئانار بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى. نۆۋەتتە، يۇقۇم يوق ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى كىشىلەر، خەۋپ - خەتىرى تۆۋەن رايونلاردىكى كىشىلەر ئالاقىدار ئىسپاتلارنى ئېلىپ شىنجاڭدىن ئايرىلسا بولىدۇ، داشۆگە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كېرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ قىسىم ئامما ئىنكاس قىلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى، سۈپىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئاناربۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلدى ھەم پاش قىلىش تېلېفونىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلدى. مال باھاسىنى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋالغان بىر تۈركۈم سودىگەرلەر جازالاندى. «شىنجاڭ گېزىتى»، شىنجاڭ خەۋەرلىرى، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قاتارلىق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ئالاقىدار جازالاش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، يۇقۇمدا تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھەرقايسى بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى بىرقەدەر ياخشى قېلىپلاشتۇردى.

تورداش «جيېمو»نىڭ ئەتراپتىكى سودا ساراي، تاللا بازىرىدىن مال بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ياردەم تەلەپ قىلىشى، «خۇيخۇي»نىڭ تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈشكە بېرىشىنىڭ قىيىن بولۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشى، «چىڭشۆي خەنفېڭ»نىڭ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يول يۈرۈشى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىشى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇخبىر، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشىدا ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى. ھەربىر ئەرز، ياردەم تەلەپلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسىدىن ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى كەڭ دائىرىدە توپلاشنى تەلەپ قىلدى. «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىياسىتىنى تەڭشەشكە بولىدىغان - بولمايدىغانلىقى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىدا كۈزلۈك يىغىم مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇش» «بەزى سوزۇلما كېسەللەرنى ئالاھىدە دورا بىلەن تەمىنلەش يوللىرى راۋان بولماسلىق» «جىددىي داۋالانمايدىغان ئاغرىقلار، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ - خەتەر رايونىدىكى ئاغرىقلار قانداق داۋالىنىشى كېرەك» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ، ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىملىق مەسئۇلىيىتى» «يېڭى دەۋردىكى پارتىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېڭى نەتىجىسى» «تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئاخبارات ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى تېخىمۇ ئىللىقلىققا ئىگە قىلدى» «پارتىيە گېزىتى ئالدىغا ئۆتۈپ خىزمەت قىلىپ خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى نامايان قىلدى»... ياردەم تەلەپ قىلىش، ئەرز ھەل قىلىنغاندا، تورداشلارمۇ بۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.