يېقىندا ئۈچ قېتىملىق ھاۋارايى جەريانى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدۇ

日期:2022年08月16日
来源:天山网
【字体:

  مۇھىم ھاۋارايى ئالدىن مەلۇماتى

قىسقىچە مەزمۇنى: 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈچ قېتىملىق ھاۋارايى جەريانى شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 35 مىللىمېتىرغىچە)؛ 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 40 مىللىمېتىرغىچە). 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 35 مىللىمېتىرغىچە)؛ قىسمەن جايلار كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش، لاتقا-شېغىل ئېقىنى قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئۈچ قېتىملىق ھاۋا رايى جەريانى ئاپتونوم رايونىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىكەن، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا بىردەم-بىردەم قارا يامغۇر ياغىدىكەن.

8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 20 مىللىمېتىرغىچە)، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 35 مىللىمېتىرغىچە)؛ شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن جايلىرىدا 5 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن. شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بالدىن 11 بالغىچە بولىدىكەن.

8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 20 مىللىمېتىرغىچە) ، سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 40 مىللىمېتىرغىچە)، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 بالدىن 11 بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدا 5 بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قۇم-بورانلىق ھاۋا رايى ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى، شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا سەككىز سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن.

8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي. قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 10 مىللىمېتىردىن 20 مىللىمېتىرغىچە)، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونلىرى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن (يىغىندى ھۆل-يېغىن مىقدارى 25 مىللىمېتىردىن 35 مىللىمېتىرغىچە).

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 8-ئاينىڭ 19-كۈنى كېچىدىن 20-كۈنى كۈندۈزگىچە، ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، 5 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن؛ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى كۈندۈزدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا چۈشىدىكەن، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەردە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدىكەن.