8- ئاينىڭ 15- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 12سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 248ى يېڭىدىن كۆپەيدى

日期:2022年08月16日
来源:天山网
【字体:

8- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 0دىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 12سى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 1ى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 11 يۇقۇملانغۇچى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىغا ئۆزگەردى (ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 1ى، سايباغ رايونىدا 2سى، شىمىگو رايونىدا 1ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى <يېڭىشەھەر رايونى>دا 1ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى <تۇدۇڭخابا رايونى>دا 1ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە 1ى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 1ى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 3ى)؛ كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 248ى يېڭىدىن كۆپەيدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونىدا 24ى، شىمىگو رايونىدا 3ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 3ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 134ى، كۈنەس ناھىيەسىدە 1ى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 44ى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 24ى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 9ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 6سى بار، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىغا يۆتكەپ ئاپىرىلىپ ئايرىپ تېببىي كۆزىتىلىۋاتىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 42 يۇقۇملانغۇچىنى ئايرىپ تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 4ى، سايباغ رايونىدا 8ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 4ى، داۋانچىڭ رايونىدا 1ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 11ى، غۇلجا ناھىيەسىدە 6سى، نىلقا ناھىيەسىدە 2سى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 2سى، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدە 4ى بار.

8- ئاينىڭ 15- كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى 18، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 1ى، سايباغ رايونىدا 3ى، شىمىگو رايونىدا 1ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 1ى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 1ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيەسىدە 1ى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 1ى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 2سى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 4ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 3ى بار؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى 2529، بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا 148ى، سايباغ رايونىدا 149ى، يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا 45ى، شىمىگو رايونىدا 56سى، ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دا 11ى، مىدۇڭ رايونىدا 1ى، داۋانچىڭ رايونىدا 4ى، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە 1308ى، غۇلجا ناھىيەسىدە 167سى، نىلقا ناھىيەسىدە 2سى، كۈنەس ناھىيەسىدە 1ى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخو شەھىرىدە 25ى، دۆربىلجىن ناھىيەسىدە 3ى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئالتاي شەھىرىدە 2سى، بۇرچىن ناھىيەسىدە 1ى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ بورتالا شەھىرىدە 11ى، سانجى ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىدە 347سى، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىۋىرغول رايونىدا 99ى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونىدا 60ى، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە 25ى، يەنجى ناھىيەسىدە 2سى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاقسۇ شەھىرىدە 2سى، باي ناھىيەسىدە 7سى، كۇچا شەھىرىدە 2سى، توقسۇ ناھىيەسىدە 1ى، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە 3ى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدە 14ى، پوسكام ناھىيەسىدە 11ى، قاغىلىق ناھىيەسىدە 17سى، يەكەن ناھىيەسىدە 3ى، يېڭىسار ناھىيەسىدە 2سى بار.

پايدىلانغان مەنبە: ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى تور بېكىتى