گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، كەسپىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە مول ئەخلاق ئوزۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، روھىي ماھىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، توغرا يولنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزملىق ئاتېئىزم تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە كەڭ تۈرتكە بولۇپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە زامانىۋى ئىدىيەنى تارقىتىپ ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى زور كۈچ بىلەن يارىتىپ، قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركەزلىرى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تىپ تاللاپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، تور مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى سىجىل ئۇرغۇتۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنى قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ ۋە ياخشى جەمئىيەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، قابىلىيىتى يۇقىرى ۋە كۈچلۈك، ئەمەلىيەتچىل بولغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان، غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان خىزمەت قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، داھىينىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، كىشىلەر قەلبى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ چۇنلىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. سۈن خۇڭمېي يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا يەنە ئالاقىدار قارار ۋە باشقۇرۇش چارىسى قاراپ چىقىلدى.