ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

خې جۇڭيوۋ قەشقەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قەشقەر ۋىلايىتىدە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەم پۇختىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرى گىلاس كەنتى «پارتىيە قۇرۇلۇشى +» ئارقىلىق كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە قىزىل ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزىدە، خې جۇڭيوۋ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم قانداق قىلغاندا بۇ مەركەزنىڭ ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كادىرلار، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي قاتلام بازىسىدىكى قورغان، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ گىلاس كەنتىدە ئېتىز باشلىرىغا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، ئالدى بىلەن ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىستىلى ياخشى، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش داۋامىدا ئۇلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە جايلاشقان قەشقەر شەھىرىنىڭ ئۆستەڭ بويى كوچا باشقارمىسى گۈزە مەھەللىسىدە، خې جۇڭيوۋ مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەرگە ياردەم بېرىپ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت مۇلازىمىتى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

خې جۇڭيوۋ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، كۈچ مەنبەسى. «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشتىن ئىبارەت روشەن يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدىكى تۈرلۈك كەمتۈكلۈكلەرنى چىڭ تۇتۇپ تولۇقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار - ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قۇرۇپ، كادىرلارنىڭ سىياسىي ساپاسىنى دائىملىق پەرقلەندۈرۈپ، ئەمەلىي نەتىجە، مەسئۇلىيەتچانلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.