ئالدىنقى يېرىم يىلدا يەرلىكتىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ قايتا ئۆرلىدى

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش يىغىنى ۋە ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى خۇلاسىلەندى، تەھلىل قىلىندى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلزات ئەخمەتجان يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «ئىككى پايدا، تۆت نىسبەت» كۆرسەتكۈچى مۇقىملىشىپ قايتا ئۆرلىدى، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ قايتا ئۆرلەشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى قەدىمىنى تېزلىتىشى كېرەك. تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، مەسىلىگە، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈۋرۈكلۈك ئېغىر ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.