شىنجاڭ جۇڭتەي گۇرۇھى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىردى

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن تۇنجى دۆلەت كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىنجاڭ كورلا جۇڭتەي نېفىت خىمىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى كونترول مەركىزىدە خىزمەت قىلماقتا. بۇ شىركەت شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ «نېفىت ئايرىش - خىمىيە سانائىتى - توقۇمىچىلىق» بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. □ جاڭ چېڭدۇڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 2022 - يىللىق «بايلىق» ژۇرنىلىدا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ رەت تەرتىپ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 434 - ئورۇندا تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن تىزىملىككە كىرگەن تۇنجى دۆلەت كارخانىسى بولۇپ قالدى.

«دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىش ماركا ۋە ئەمەلىي كۈچنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشىدىن دېرەك بېرىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى سەھنىدە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلىشتىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى جۇڭتەي گۇرۇھى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋاڭ خۇڭشىن.

«مەكتەپ باشقۇرىدىغان زاۋۇتتىن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتكە تەرەققىي قىلىپ، زورىيىپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىغا ئايلاندى. دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى شىنجاڭدا زور ئىستىقبالغا ئىگە.» ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرىشى شىنجاڭنىڭ دۇنيادا 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانا قۇرۇش جەھەتتە ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت تۇپراقنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى.

جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ ئاساسى 1958 - يىلى قۇرۇلغان ئەسلىدىكى شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست يېزا ئىگىلىك شۆيۈەنىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىدىكى دېھقانچىلىق دورىلىرى زاۋۇتى بولۇپ، 1962 - يىلى نامى شىنجاڭ كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاۋۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن.

قەدەممۇقەدەم تەرەققىي قىلىشقا ئەگىشىپ، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار زاۋۇتىنىڭ نامى يەنە خىلور - ئىشقار زاۋۇتىغا ئۆزگەرتىلگەن. 21 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، خىلور - ئىشقار زاۋۇتى پاي تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى دۇنياغا كەلگەن. ئون يىلدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭتەي خىمىيە پاي چەكلىك شىركىتى ئاساسىدا جۇڭتەي گۇرۇھىنى قۇردى. بۇلتۇر، جۇڭتەي گۇرۇھى دۆلەت كاپىتالى مەبلەغ سېلىش شىركىتى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپ»نى شەكىللەندۈردى.

«جۇڭتەي گۇرۇھى تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرىپ، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە يېپيېڭى باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىنى نامايان قىلدى» دېدى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇڭلى.

نۆۋەتتە، جۇڭتەي گۇرۇھى يەنە «ئۈچ چوڭ ئاساسىي كەسىپ»كە مۇلازىمەت قىلىدىغان خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى - سودا، توقۇمىچىلىق - كىيىم - كېچەك، پۇل مۇئامىلە، يېڭى ئېنېرگىيە، مائارىپ پەن تەتقىقاتىدىن ئىبارەت يەتتە چوڭ كەسىپ بۆلىكىنى پائال بەرپا قىلماقتا. 2021 - يىلى سېتىش كىرىمى 212 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ۋاڭ خۇڭلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭتەي گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى بىلەن تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولغانلىقىنىڭ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى نامايان قىلىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىگەنلىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى.

بۇ يىل، شىنجاڭدىكى جەمئىي ئۈچ كارخانا دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىردى، باشقا ئىككى كارخانا ئايرىم - ئايرىم ھالدا 150 - ئورۇندىكى تىنچ ئوكيان قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ۋە 453 - ئورۇندىكى گۇاڭخۇي گۇرۇھىدىن ئىبارەت.