تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى مول بولغان يىلى پايدىلىنىشقا تېگىشلىك سۇدىن تولۇق پايدىلىنىلدى

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

تەمىنلەنگەن سۇ 10 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشتى، سۇغىرىلغان كۆلەم 120 مىليون مو قېتىمغا يېقىنلاشتى

تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى مول بولغان يىلى پايدىلىنىشقا تېگىشلىك سۇدىن تولۇق پايدىلىنىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئاناكۆل يېزىسى بەشتۈپ كەنتىدىكى 1000 مودىن ئاشىدىغان بىر پارچە يۇقىرى ئۆلچەملىك كېۋەزلىك بۇ يىل 5 - قېتىم سۇغىرىلدى. «بۇ يىل تارىم دەرياسى ئېقىن مەنبەسىدىن كېلىدىغان سۇ نىسبەتەن مول بولۇپ، پۈتۈن ۋادى بويىچە ئېكولوگىيەلىك سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، سۇغىرىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى، ئېقىن مەنبەسىدىن ئارتۇق كەلگەن سۇ ئېقىن مەنبەسىدىلا ئىشلىتىلىپ، تەمىنلەشكە تېگىشلىك سۇ بىلەن تولۇق تەمىنلەش، پايدىلىنىشقا تېگىشلىك سۇدىن تولۇق پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى خې يۈ.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەنگەن سۇ مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تارىم دەرياسىنىڭ «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن»ىدا جەمئىي تەمىنلەنگەن سۇ 10 مىليارد 510 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2 مىليارد 252 مىليون كۇب مېتىر سۇ كۆپ تەمىنلەندى. «بۇ بىر تەرەپتىن تارىم دەرياسىنىڭ ھەرقايسى ئېقىن مەنبەلىرىدىن كېلىدىغان ئومۇمىي سۇنىڭ بىرقەدەر كۆپ بولغانلىقىنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ۋادى ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سۇ مول بولغان يىل شارائىتىدا سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى» دېدى خې يۈ.

خې يۈ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرى شۇكى، ھەر دەرىجىلىك سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۇ ئامبىرى، تۈگۈن، چۈشۈرگە قاتارلىقلارنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىدىكى سۇ ئورۇنلاشتۇرۇش، ساقلاش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ئېچىپ پايدىلىنىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان سۇغىرىش رايونلىرىغا قارىتا، سۇ تېجەشنى ئاساس قىلىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈردى؛ ئېچىپ پايدىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەن بولغان سۇغىرىش رايونلىرىغا قارىتا، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى سۇ مىقدارىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى ما جېڭلۇ بەشتۈپ كەنتىدە ئۆزى ھۆددىگە ئالغان 12 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، چېھرىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىدى. «مەن بۇ 12 مىڭ مو يەرنى ئوبوروت قىلىش، تۈزلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش، كېۋەز سورتىنى تاللاش ئۈچۈن كۆپ كۈچ سەرپ قىلدىم، ھەربىر قەدىمىم ئاسانغا توختىمىدى. بۇلتۇر سۇ قىس بولدى، مەنمۇ بەك جىددىيلەشتىم، تېمىتىپ سۇغىرىش ئارقىلىق سۇ تېجىگىلى بولسىمۇ، سۇ ئىشلىتىدىغان چاغدا سۇ بولمىسا بولمايدىكەن. بۇ يىل سۇ ھەقىقەتەن مول بولدى، كۆڭلۈم ئىنتايىن خاتىرجەم».

كۆڭلى خاتىرجەم بولغىنى ما جېڭلۇلا ئەمەس، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى چوڭ - كىچىك كەنتلەردە مول ھوسۇل ئېلىنغان بۇغدايلار ئامبارغا كىرگۈزۈلدى، ئېڭىز ئورنىغا تېرىلغان كۆممىقوناقلار ساغلام ئۆستى، كېۋەزلەر تېخىمۇ باراقسان ئۆستى. «7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، تارىم دەرياسى ۋادىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بىزنى 100 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن ئارتۇق تەمىنلىدى.» مارالبېشى ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي گۇاڭچۇن مۇنداق دېدى: «سۇ ئەھۋالى ياخشى ھەم تەمىنلەش يېتەرلىك بولۇپ، بۇ يىلقى زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى».

تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى «تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن»دىكى دەريا يوللىرىدا ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ھەر دەرىجىلىك سۇ بۆلگۈچ تۈگۈن ۋە تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان ئېرىق - ئۆستەڭلەر ئارقىلىق، سۇ كېلىشنى كۈتۈۋاتقان نەچچە يۈز مىليون مو ئېتىزلىققا قۇيۇلدى. «7 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، تارىم دەرياسىدىكى <تۆت مەنبە، بىر غول ئېقىن> ئارقىلىق جەمئىي 116 مىليون 154 مىڭ 600 مو قېتىم سۇغىرىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 24 مىليون 363 مىڭ 900 مو قېتىم كۆپەيدى، ئەمەلىي ئورۇندالغان يازلىق سۇغىرىش كۆلىمى 84 مىليون 965 مىڭ 400 مو قېتىم بولۇپ، پىلاننىڭ %81ى ئورۇندالدى» دېدى خې يۈ.