ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ باغرىنى كەڭ ئاچتى

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

شۈ چىڭگۇاڭ

8 - ئاي كىردى، مېۋە - چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق كۆرۈشتىكى ئاخىرقى كۈچەش بۇرغا ئاۋازى ئېنىق ئاڭلاندى. گۈزەل شىنجاڭ تەبەسسۇم بىلەن جىلۋە قىلدى، ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭ باغرىنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق كاتتا پائالىيىتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئارزۇ قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت ھەرىكەت، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو−ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۆزگىچە ئۆتكۈزۈش، سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈشتە جەزمەن ئوچۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش، كەسپىي كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش، نەپىس كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش، كۆرگەزمىنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كۆرگەزمىنىڭ فۇنكسىيەلىك بەلگىلەنگەن ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ياخشى پايدىلىنىپ، كۆرگەزمىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە ماركىسى قىلىپ ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە سۇپىغا ئايلاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھېكايىسىنى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان ئەڭ ياخشى سەھنىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

بىر دەستە نۇر ئۈمىدنى يورۇتىدۇ، بىر تامچە سۇ دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كۆرگەزمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنياغا ئىناق، مۇقىم بولغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان شىنجاڭنى، رايون ئورنى ئەۋزەل، بايلىقى مول بولغان شىنجاڭنى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئۈمىدكە تولغان شىنجاڭنى تونۇتۇش كېرەك.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ قەدىمى بارغانسېرى يېقىنلاشتى، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، دۇنيا شىنجاڭدىن ئۈمىد كۈتمەكتە، شىنجاڭنىڭ تەييارلىقى پۈتتى.

(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)