7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى

日期:2022年08月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئىمپورت - ئېكسپورت بانكىسى، جۇڭگو ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتا شىركىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەم تۇنجى قېتىم قوش لىنىيە (توردا + تور سىرتىدا) ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتۈپ، شىنجاڭ ھەممە ئىنتىزار بولغان ئېچىۋېتىلگەن تەنتەنىلىك يىغىننى كۈتۈۋالىدۇ.

«جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم سۇپا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن كۆپ ساھە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرىدىغان مۇھىم يول، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان مۇھىم كۆزنەك، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم سۇپا بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، كۆپ ساھەلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشىدە مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جۇ خېشياڭ.

جۇ خېشياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن كارخانىلار ئارقا - ئارقىدىن تىزىمغا ئالدۇردى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش دائىرىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر، بىناكارلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، پەن - تېخنىكا - ئېنېرگىيە، يۈك تىرانسپورتى - ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە، مۇلازىمەت قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى تۇنجى تۈركۈمدە كۆرگەزمىنىڭ ئاساسلىق مېھمان ئۆلكىسىگە ئايلىنىپ، ئېچىۋېتىلگەن كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى نامايان قىلىندى.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقى، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى، سەھىيە - ساغلاملىق، ساياھەت - مەدەنىيەت، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ ئون مەيدان مۇنبەر ۋە ئېچىۋېتىلگەن بىڭتۇەن، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى قاتارلىق تۆت مەيدان مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«مۇنبەر مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئەزىز مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىش قاتلىمى جەھەتتىن بولسۇن، ھەمدە كەسپىي مۇنبەر سانى جەھەتتىن بولسۇن، ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر ئۆسۈش بولدى. مۇنبەر شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىي ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسىي مۇنبەر ئىلگىرىكى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق مۇنبىرىنى تىيانشان مۇنبىرى قىلىپ تەڭشەپ، يۇقىرى قاتلامدىكى ئەزىز مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىپ، پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش ۋە كەسىپ ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ شياۋبىن.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 90 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ - ئاۋمېن - تەيۋەن، تاۋار سودىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ماس قەدەمدە توردا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

«ھازىر كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش خىزمىتى تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەكلىك كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى 18 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ كۆرگەزمە رايونى ھېسابلىنىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە ئىشلىرى ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جۇ دىچياڭ.

ھازىرغا قەدەر، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان چېگرا ئىچىدىكى كارخانا 1594 بولۇپ، دۇنيا ھەم جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ۋە دۆلەت ھالقىغان كارخانىدىن 49ى كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىدۇ، كەسىپ باشلامچى كارخانىسىدىن 110ى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. ئىلگىرىكى نۆۋەتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە قاتناشمىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كۆرگەزمە رايونىنىڭ كۆلىمى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. كۆرگەزمىگە قاتنىشىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار تىزىمغا ئالدۇرغان 30 مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدىن سىرت، تەشكىلىي كومىتېت يەنە 20 مەيدان سېتىۋېلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنىغا تەييارلىق كۆردى.

«ھازىرقى سودىگەر چاقىرىش، كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى» دېدى جۇ دىچياڭ.

جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرىكى ئالتە نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە چېگرا ئىچى - سىرتىدىن كۆرگەزمىگە قاتناشقان، يىغىنغا قاتناشقان سودىگەر 122 مىڭ بولۇپ، كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 2 مىليون 130 مىڭ 900گە يەتكەن، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ئۆتكۈزگەن يۇقىرى قاتلاملىق مۇنبەر ۋە مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت 54 مەيدان بولغان، ئىمزالانغان نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سوممىسى 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، تاشقى سودا پۈتۈشۈش سوممىسى 36 مىليارد دوللاردىن ئاشقان، سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن.

«بىز بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز، تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق قۇرىمىز. شۇنداقلا خەلقئارا ئالاقىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئېھتىياجىغا قارىتا، كەسىپلەشكەن داڭلىق ماركا كۆرگەزمە رايونى بەرپا قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىش، بازارلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىمىز. تىرىشىپ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ بەلگە ماركىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، دۇنيانى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم كۆۋرۈك ۋە سۇپىغا ئايلاندۇرىمىز» دېدى جۇ خېشياڭ.