导航切换

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تۇنجى پەسىلدە تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇردى

日期:2019年04月04日
来源:新疆日报网
【字体:

مۇخبىرىمىز ما يىنىڭنىڭ ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىلنىڭ 1- پەسلىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جەمئىي 5 مىليون 323 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇغان، 3 مىليون 131 مىڭ توننا پوچتا مېلىنى يەتكۈزگەن، بۇ، 2018- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %2.96، %4.36 ئاشقان؛ 20 مىڭ 549 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ پورتتىن چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ نورماللىق نىسبىتىنى %87.69كە يەتكۈزگەن.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى قار يېغىش، توڭ - تۇمان، توڭ - يامغۇر، قاتتىق بوران قاتارلىق ئىنتايىن ناچار، مۇرەككەپ ھاۋارايى تەسىرىنى يېڭىپ، چاغان، چاغاننىڭ ئالدى - كەينىدىكى يولۇچى توشۇش، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى يىغىن مەزگىلىدىكى تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك تاماملىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كېچىكىشىنى مەخسۇس تۈزەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى؛ تېما تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ كارىدورلۇق كۆۋرۈككە يېقىنلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ سىيرىلىپ يۈرۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش مەخسۇس تۈر تېمىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەشغۇلات ئۈنۈمى ۋە مەشغۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايروپورتتىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

ھازىر 2019- يىللىق يازلىق، كۈزلۈك ئاۋىياتسىيە پەسلى مەشغۇلات مەزگىلى كىردى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ دائىملىق خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى تۇتىدۇ.