导航切换

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 50- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

日期:2019年04月02日
来源:天山网
【字体:

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش قارار قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 50- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن قانات يايدۇرىدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش لايىھەسىنى تەتقىق قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 1- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى رەسمىي باشلىغان. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

يىغىندا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش لايىھەسى تەتقىق قىلىندى. لايىھەدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆلچىمى، يىرىك پىلانى ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، نۇقتىلىق ۋادىلار، نۇقتىلىق كۆللەر ۋە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تۈزەش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، قانۇنىي مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، قانۇننى يولغا قويۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەر. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى (خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى)غا ھاۋالە قىلىپ ئۆز - ئۆزىنى تەكشۈرۈش بىلەن ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن شەكىلنى قوللىنىپ ئېلىپ بارىدۇ.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بېرىلگەن مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ قانۇن - تۈزۈم تورىنى تېخىمۇ زىچ توقۇپ، قانۇن قورالى ئارقىلىق بۇلغىنىشنى تۈزەپ، قانۇنچىللىق كۈچى ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك؛ بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە نىشان - ۋەزىپىلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات شەكلىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، قانۇن - تۈزۈمنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش نىسبىتىنى كۆپەيتىپ، نۇقتىلىق بۇلغىنىش مەنبەلىرىنى «تىزىملىك شەكلى»دە ئارىلاپ تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، كەسپىيلىكى، نوپۇزلۇقلۇقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى تېخىمۇ سالماققا، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، بادەي، گۈلشات ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.