دىققەتنى تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى جياڭ بىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار جەزمەن «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ھەم سىياسەت ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈرلەرنى چۈشۈرۈش، مەبلەغ ئاجرىتىپ بېرىش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشى، ھەم سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلەرنى يولغا قويۇش، مەبلەغنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. دىققەتنى تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىشىدە قايتما ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرگە ئاساسەن تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گۇرۇپپىلىرى ياخشى «كۆزەتكۈچى» بولۇپ، تۇرۇشلۇق تارماقلار ۋە ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇن پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى دەل جايىدا بولمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، جاۋابكارلىقىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا نازارىتى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىق بىرلەشمە يىغىنغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىغا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى.