شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرى جاڭ ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتىنىڭ ئاساسلىق نېفىتلىكى بولغان تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي كېمىيىش نىسبىتى قانداقسىگە ئۈچ يىل ئىلگىرىكى %17تىن ھازىرقى %13.9كە تۆۋەنلىدى؟ ھەر تۇڭ خام نېفىتنىڭ تەننەرخى 3.75 دوللار تۆۋەنلەپ، 1 مىليارد 40 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بىۋاسىتە ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىلدى. غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى تەشكىللەپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان «تارىم دەرياسى كاربوناتلىق تاغ جىنىسلىرى يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تەبىئىي تەدرىجىي كېمەيتىش تېخنىكىسى» نىڭ نېفىتلىكنىڭ خورىشىنى ئاستىلىتىش جەھەتتىكى تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ.
3- ئاينىڭ 31- كۈنى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتىدىن كەلگەن خەۋەردە «تارىم دەرياسى كاربوناتلىق تاغ جىنىسلىرى يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى تەبىئىي تەدرىجىي كېمەيتىش تېخنىكىسى» جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتتى، دېيىلدى.
جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى مۇنداق قارىدى: بۇ تۈردە بەش تۈرلۈك تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «يېرىق ئۆڭكۈرىنىڭ گەۋدە قۇرۇلمىسى ھەم بوشلۇققا جايلىشىش مۇناسىۋىتىنى گېئوفىزىكىلىق بەلگىلەش تېخنىكىسى» «قۇدۇق ئارىلىقىنىڭ دىنامىكىلىق تۇتىشىشچانلىقىنى چارلاپ ئۆلچەپ باھالاش تېخنىكىسى ھەم دىنامىكىلىق زاپاس مىقدارىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى» «يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىدىكى قۇدۇق تورىنى بەرپا قىلىش بىلەن سۇ تولدۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇش تېخنىكىسى» «يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك دانىچە سىستېمىسىنى تۈرگە ئايرىپ ئاققۇزۇشنى تەڭشەش تېخنىكىسى» دۇنياۋى تۇنجى كەشپىيات بولدى، «يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىغا يۇقىرى بېسىم بىلەن ئازوت گازى ئۇرۇشتىكى يۈرۈشلۈك ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى» دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيەگە يېتىپ، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 2- چوڭ نېفىتلىكى بولغان تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي كېمىيىشىنىڭ %3.1 تۆۋەنلىتىلىشىگە تىرەك بولدى، نېفىت ئېلىش نىسبىتى %0.53 ئاشتى، تېجەپ ئېچىشقا بولىدىغان زاپىسى 2 مىليون 300 مىڭ توننا كۆپىيىپ، زاپاس مىقدارىنىڭ قىممىتى 3 مىليارد يۈەن ئاشتى.
ئىگىلىنىشىچە، تارىم دەرياسى نېفىتلىكى جۇڭگودىكى 1- قەدىمىي ھايات ئېراسى دېڭىز فاتسىيەسىدىكى 100 مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىك، نېفىت زاپىسى «ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر بولۇش، ئادەتتىن تاشقىرى قويۇق بولۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق بولۇش، يۇقىرى تۇزلۇق بولۇش، يۇقىرى ھىدروگېن سۇلفىدلىق بولۇش» قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، خۇددى تارىم ئويمانلىقىنىڭ 5000 مېتىردىن 6000 مېتىرغىچە يەر ئاستىغا دۈم كۆمتۈرۈپ قويۇلغان گۈيلىننىڭ تاغ - دەريالىرىغا ئوخشايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «كارسىت ئۆڭكۈر»لىرى نېفىت، تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ گەۋدىسى ئىكەن. چۈنكى يەر ئاستىدىكى بۇ «كارسىت ئۆڭكۈر»لىرىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ، ئارىسىدىكى تۇتىشىشچانلىق پەرقى چوڭ بولۇپ، نېفىت قۇدۇقلىرىدا «مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولۇش، تېز خوراش» ھادىسىسىنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، نېفىتلىكنىڭ تەبىئىي تەدرىجىي كېمىيىشىنى تىزگىنلەش، خورىشىنى ئاستىلىتىش دۇنيا دەرىجىلىك ئېچىشتىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالغان.
2016- يىلى غەربىي شىمال نېفىتلىك شۆبە شىركىتى نېفىتلىكنىڭ خورىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بەش ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە قارىتا بەش تەتقىقات تېمىسى تەسىس قىلىپ، تارىم دەرياسى 6- رايونى، 12- رايونى ۋە توپتاينى تەدرىجىي كېمىيىشنى تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىدىغان رايون قىلىپ تاللاپ، «كارسىت ئۆڭكۈرى» ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئىنچىكە ئايرىش، تەدرىجىي كېمىيىش قانۇنىيىتى، سۇ تولدۇرۇش تېخنىكىسى، گاز ئۇرۇش تېخنىكىسى، يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇش ھۈنەر - سەنئىتى قاتارلىق بەش جەھەتتە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، تەجرىبىخانىدا 6068 گۇرۇپپا قېتىم ئۆلچەپ سىناشنى تاماملاپ، نەق مەيداندا 1358 قۇدۇق قېتىم سىناق قىلىپ، پارامېتىرلارنى 7000 قۇدۇق قېتىمدىن ئارتۇق ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەپ، «يېرىق ئۆڭكۈرى گەۋدىلىرىنى دەرىجىگە ئايرىپ توغرىلاش ۋە بوشلۇقتىكى ئورنىنى ئۈچ نۇقتىدىن بېكىتىش تېخنىكىسى» قاتارلىق 13 تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، بەش تۈرلۈك ئاچقۇچلۇق تېخنىكا نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە ئېرىشىپ ھوقۇق بېرىلگەن 15 پاتېنتتا، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تولۇق خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بولدى.
جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى باھالاپ بېكىتىش كومىتېتى مۇنداق قارىدى: بۇ تۈردە يېرىق ئۆڭكۈرى تىپىدىكى نېفىت زاپىسىنىڭ تەدرىجىي كېمىيىشىنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن بولۇپ، سىجىل قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە، بۇ، تارىم دەرياسى نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنى مۇقىملاشتۇرۇشى ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ.