ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شېنجېنغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى

日期:2022年05月13日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز، مېڭ فەنلى پائالىيەتكە قاتناشتى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىلى ياڭخەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شېنجېنغا بېرىپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشتە بولدى، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېڭ فەنلى پائالىيەتكە قاتناشتى.

5 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شېنجېن شەھىرى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن شېنجېن شەھىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، شېنجېن شەھىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ گۇاڭدۇڭ، شېنجېن توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شېنجېننىڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىش، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىش، ۋارىسلىق قىلىش شەكلىدىكى يېڭىلىق يارىتىش، يۇغۇرما شەكىلدە تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولىنى ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، «تۆت تەرەپ ھەمكارلىقى» مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېڭ فەنلى شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شېنجېن بىلەن شىنجاڭ ئۇزاق مۇددەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، شېنجېن باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى تىرىشىپ ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ شەھەر ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرماقتا. شېنجېن يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، جەمئىيەت قاتلىمىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ۋە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭىدۇ. ئىككى جاينىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شېنجېندىكى مەزگىلدە، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى ليەنخۇاشەن باغچىسىغا بېرىپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە ئېھتىرام بىلدۈردى ھەم گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. تېڭشۈن، خۇاۋېي، شېنلياڭ پاي كونترول پاي چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو ئامانلىق سۇغۇرتىسى، شېنجېن تېخنىكا داشۆسى قاتارلىق جايلاردا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى.

شېنجېن شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى تەن ۋېيجۇڭ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، ئېلزات ئەخمەتجان، لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.