نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش: نامرات ئاممىنى مۇقىم تۇرىدىغان، بېيىيالايدىغان قىلدى

日期:2019年03月24日
来源:新疆日报网
【字体:

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئاپتونوم رايوننىڭ «يەتتە بىر تۈركۈم» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تەبىئىي شارائىتى ناچار رايونلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. كەنتكىچە، ئائىلىگىچە، ئادەمگىچە دەل جايىدا بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى سېلىشتۇرۇپ تاللاش، كېيىنكى كەسىپلەرنى پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق، كۆچۈش ئارزۇسى بار، كۆچۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈپ چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ مۇقىم تۇرالىشى، بېيىيالىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

■ «كەشتە تىكىش» ماھارىتى  دەل جايىدا كۆچۈرۈش

ئۆزى چارۋىچىدىن ئامانلىق ساقلىغۇچىغا ئايلاندى، خوتۇنى ئائىلە ئايالىدىن يەككە تىجارەتچىگە ئايلاندى، ئىنىسى چارۋىچىدىن چېگرا قوغدىغۇچىغا ئايلاندى − نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتىن بۇرۇن، تۈركۈنئەلى تۇرسۇن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدا شۇنچە زور ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

تۈركۈنئەلى ئۇلۇغچات ناھىيەسى تېرەك يېزىسى قارا تېكە كەنتىنىڭ ئاھالىسى، چارۋا بېقىش ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەپچىقىرىش شەكلى بولۇپ، بىر يىل جاپالىق ئىشلىسە، پۈتۈن ئائىلە بويىچە ئاران 4000 يۈەن ئەتراپىدا نەق پۇل كىرىم قىلاتتى.

2016- يىلىدىن باشلاپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنى يولغا قويدى، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشتە «كەشتە تىكىش» ماھارىتىنى يېتەرلىك ئىشقا سالدى. كۆچۈرۈش ئوبيېكتلىرىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنى قاتتىق تاللاپ، ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى كاپالەتلەندۈرۈش پىلانىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تۈزدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېيىنكى كەسىپلەر تۈرىنى پائال تەرەققىي قىلدۇردى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش تۈرىنىڭ قوللىشىدا، 2017- يىلى 6- ئايدا، تۈركۈنئەلى ئائىلىسى ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى توپا مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىپ، شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، خوتۇنۇم ئىشىك ئالدىدا دۇكان ئېچىپ، ھەر ئايدا 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە كىرىم قىلىدۇ».

قىزىلسۇ ئوبلاستى «تۈمەن تاغلار ئارىسىدىكى ئوبلاست» دەپ ئاتالغان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغان چەت تاغلىق رايونلاردىن كۆچۈرۈش، تەبىئىي شارائىتى ناچار نامرات جىلغىلاردىن كۆچۈرۈش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاغلىق رايونلاردا ئولتۇراقلاشقان ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ تۈپ تەدبىرى قىلدى. نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش جەريانىدا، كۆچۈپ چىقالايدىغان بولۇش، مۇقىم تۇرالايدىغان بولۇش، بېيىيالايدىغان بولۇش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولۇش يېڭى يولىنى ئىزدىنىپ تاپتى. 2016- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن ئوبلاستتا نامراتلارنى يۆلەش بويىچە جەمئىي 2736 ئائىلىدىكى 11 مىڭ 953 ئادەم باشقا جايغا كۆچۈرۈلدى.

■ ھەم «نامرات كۆلبىدىن كۆچۈرۈپ چىقىلدى»  ھەم «نامراتلىق يىلتىزى قومۇرۇپ تاشلاندى»

«شەھەرگە كىرىپ بىنا ئۆيدە ئولتۇرالىشىمنى چۈشۈمدىمۇ ئويلىمىغانىدىم.» 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، خوتەن ناھىيەسىدىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدىن خوتەن ناھىيەسى ئىقتىساد يېڭى رايونى شاتيەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كىرگەن رىسالەت مەمەتتۇرسۇن خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.

رىسالەت بىلەن بىللە كۆچۈپ كەلگەن 468 ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ ھەممىسى ئەتراپتىكى يېزا - بازار، كەنتلەردىكى نامرات ئاھالە ئىدى. مەھەللىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، شىپاخانا قاتارلىق يۈرۈشلۈك قۇرۇلۇشلارمۇ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنىدى.

شاتيەن مەھەللىسى خوتەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىساد يېڭى رايونىدىكى كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ يېنىدا بولۇپ، باغچە رايونىنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك، باقمىچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تىكىش قاتارلىق 70تىن ئارتۇق تۈرلۈك كارخانا بار. كۆچۈپ كىرگەن ئاھالىلەر باغچە رايونىنىڭ ئىچىدە يېقىن ئەتراپتىلا ئىشقا ئورۇنلىشالايدۇ. رىسالەت ۋە ئېرى ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن باغچە رايونىدىكى بىر ئۆي جاھازىلىرى زاۋۇتىغا خىزمەتكە چۈشتى، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئايدا 3000يۈەن مائاش ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن ناھىيەسى يەنە مەھەللىدىكى 18 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان بىر قىسىم ياشلارنى شەندۇڭغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەشكىللىدى.

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش خوتەن ۋىلايىتىدىكى بىر قىسىم نامرات ئاھالىنىڭ «نامرات كۆلبىدىن كۆچۈپ چىقىش»ىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق «نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ۋىلايىتى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى «يەتتە بىر تۈركۈم» تەدبىرىدىكى باش قۇرۇلۇش، ئاچقۇچلۇق جەڭ قىلدى. پۈتۈن ۋىلايەتتە 2016- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە 12 مىڭ 346 ئائىلىدىكى 53 مىڭ 627 ئادەم كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 7626 ئائىلىدىكى 32 مىڭ 658 ئادەم كۆچۈرۈلدى.

■ يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تولۇق  بېيىش يوللىرى كۆپ

رىسالەت شەمشىدىن بىلەن زۇلپىيەم يۈسۈپ كۆڭلى يېقىن ئاچا - سىڭىللار، ئۇلار باي ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا تۇرىدۇ ھەم باي ناھىيەسىدىكى جېڭباڭ كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى مەركىزىي زاۋۇتىدا بىللە ئىشلەيدۇ.

2017- يىلى 9- ئايدىن بۇرۇن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى ۋە قېيىر يېزىسىدا تۇرىدىغان بۇ ئىككىيلەن بىر - بىرىنى تونۇمايتتى. لېكىن، ئۇ ئىككىسى ئورتاق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى: ئائىلىسىنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز، تۇپرىقى ئۈنۈمسىز، كەنتى چەت، ياقىدا ئىدى.

2016- يىلىدىن باشلاپ، باي ناھىيەسى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 41نى قۇرۇپ، ناھىيە بويىچە 15 يېزا - بازاردىكى كۆچۈش ئارزۇسى بار، كۆچۈرۈش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان نامرات ئاھالىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. ھەربىر ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆز شارائىتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللاندى. مەسىلەن، تېرىلغۇ يېرى بار ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامرات ئاھالىلەر خاس تېرىقچىلىق ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئورۇنلاشتۇرۇلغان نامرات ئاھالىلەر ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلالايدۇ.

باي ناھىيەسىنىڭ سانائەت باغچە رايونىدىكى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، ئائىلىسىدە ياشانغانلار بار ئاھالىلەر بىرىنچى قەۋەتتە ياكى ئىككىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدۇ، ياشلار ئۈچىنچى قەۋەتتە ۋە تۆتىنچى قەۋەتتە ئولتۇرىدۇ. ئەتراپتا كارخانىلار كۆپ بولۇپ، ياشلار ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن قىلچىمۇ غەم قىلمايدۇ، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قىزىقىشىغا ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللايدۇ، رىسالەت ئىشلەۋاتقان زاۋۇت بىلەن ئۆيىنىڭ ئارىلىقى 300 مېتىرلا كېلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى 40 نەچچە ئادەم بۇ يەردە ئىشلەمچىلىك قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللادىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى «نامرات كۆلبىدىن كۆچۈرۈپ چىقىش، نامراتلىق قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، نامراتلىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش» پىكىر يولى بويىچە، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، «13- بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى كۆچۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى، كۆچۈرۈلگەن بىر قىسىم ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.