100 يىللىق تارىختىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىش جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەش

日期:2021年12月07日
来源:天山网
【字体:

− پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

 ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ پىراكتىكانت لى جىڭ

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇردى. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەردە سىنلىق يىغىن شەكلىدە 29 مەيدان لېكسىيە دوكلاتى بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، تۈرلۈك شەكىلدىكى 27 مەيدان ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ، 91 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى قاپلىدى.

«لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بولغان چۈشەنچىمىز تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئېتىقادىمىز تېخىمۇ چىڭىدى، غەيرىتىمىز تېخىمۇ تولۇپ تاشتى!» «يۈزتۇرا لېكسىيە سۆزلەپ شەرھلەشتىن مەن چوڭقۇر نەپكە ئېرىشتىم»... ئومۇميۈزلۈك، ئەتراپلىق لېكسىيە سۆزلەش، جانلىق، تەسىرلىك يېشىپ چۈشەندۈرۈش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە قىلدى ۋە ئىلھاملاندۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدىن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

چوڭقۇر، ئەتراپلىق سۆزلەپ، قىزغىن دولقۇن قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە.

ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى قوزغاشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى تەشكىللەشنى قارار قىلدى. ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن لېكسىيە دوكلاتى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىياسىي ساپاسى ياخشى، نەزەرىيە سەۋىيەسى يۇقىرى، ئەمەلىيەت تەجرىبىسى مول 21 قابىل كادىر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئۆمىكى ۋە ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەش شۆبە ئۆمىكى تەشكىللەندى، ئۇلار پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ئالىي مەكتەپلەردە لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

11 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ لېكسىيە سۆزلەش سەپەرۋەرلىك تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىن روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا، نوپۇزلۇق چۈشەندۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

11 - ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كوللېكتىپ دەرس تەييارلاپ، لېكسىيە ئارگىنالىنى كۆڭۈل قويۇپ يېزىپ، پىششىقلاپ، لېكسىيە دەرسلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلدى.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە، ئورگان، ئىدارىلەردىن كارخانا، زاۋۇتلارغىچە، كوچا، مەھەللىلەردىن ئالىي مەكتەپ دەرسخانىلىرىغىچە، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركەزلىرىدىن قىزىل خاتىرە سارايلىرىغىچە، لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ شانلىق مۇساپىسى، شانلىق مۇۋەپپەقىيىتى، تارىخىي ئەھمىيىتى، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تەلىپى، يېڭى دەۋردىكى تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى مۇھىم تەلەپلەر ئېنىق سۆزلەندى، ئەتراپلىق سۆزلەندى...

نىشان - تەلەپلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكى ئەزالىرى تەسىرلىك ۋە جانلىق بايان قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە چۈشىنىشلىك لېكسىيە سۆزلەپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋجىگە چىقتى.

چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش، كۈچنى مۇجەسسەملەش

ھەربىر جايغا بارغاندا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىغا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر لېكسىيە دوكلاتى سۆزلىدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن يۈزتۇرا ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچەيتتى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جيا پېڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىش، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا يېشىپ چۈشەندۈردى. جيا پېڭ يەنە شىنجاڭ شىنخۇي قىزىل ئەسلىمە مۇزېيى، سانجى نانچىلىق كەسپى مەدەنىيەت - ساياھەت كىچىك بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نەق مەيداندا كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

«ئومۇمىي يىغىننىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى شۇكى، <جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى> قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.» قەشقەر شەھىرىدە، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې پىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا قالتىس لېكسىيە سۆزلەپ بولۇپلا، ئاراممۇ ئالماستىن قەشقەر شەھىرىنىڭ پاختەكلى يېزىسىدىكى 100 يىللىق قەشقەر سارىيىغا كېلىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىغا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

لېكسىيە دوكلاتى بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى دىڭ شوۋچىڭ مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس، چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر مەھەللە كوچا باشقارمىسى قارا دۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىننىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، بىرلىكتە ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، كەلگۈسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۆگىنىش تەسىراتىنى كەڭ - كۇشادە سۆزلەشتى. «پارتىيەنىڭ بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرگەنلىكىگە رەھمەت.» سالىقجان ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا شىنجاڭدا ئۆزگىرىش بەك زور بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بەختكە تولدى، مەن كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى تېخىمۇ پۇختا ئىشلەيمەن.

«سۇن پىروفېسسور، ياش ئوقۇغۇچىلار قانداق قىلغاندا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ؟» جۇڭگو نېفىت داشۆسى(بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدا، ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ سىفەن داشۆسى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر سۇن شيۇلىڭنى بىلىمگە تەشنا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئورىۋېلىشتى، قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ھەمتۈرتكە بولۇشتىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غايە - ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىدى.

بۇ مەكتەپ رايونىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پېڭ جېن قەتئىي ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو نېفىت داشۆسى (بېيجىڭ) قاراماي مەكتەپ رايونىدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا يازغان مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ياشلىق باھارىمىزنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، دەۋرگە يۈز كېلىمىز، ياشلىق باھارىمىزغا يۈز كېلىمىز.

قومۇل شەھىرىدە، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسىغا كىرىپ، خاتىرە سارىيىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە بىرلەشتۈرۈپ پارتىيە تارىخى ھېكايىسىنى بايان قىلدى؛ كۆكيار خاتىرە سارىيىدا، لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆكيار كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇرغۇچىلىرى قاتارلىقلار بىلەن ھەمتۈرتكىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى كۆكيار روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى...

قىش پەسلىدىكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا لېكسىيە سۆزلەش قىزغىنلىقى سىجىل ئېشىپ، ئورتاق تونۇش، كۈچ ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى.

كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈپ، كۈرەش قىزغىنلىقىنى قوزغىتىش

ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئاممىغا يېقىن لېكسىيەلەر كاللىغا، قەلبكە سىڭىپ، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ كۈرەش قىزغىنلىقىنى قوزغاتتى.

«بۇ، ھەم بىر قېتىملىق جانلىق نەزەرىيە يېتەكچىلىكى، ھەم بىر قېتىملىق چوڭقۇر ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك يېتەكچىلىككە ئىگە.» لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چيۇ شۇخۇا مۇنداق بىلدۈردى: پۈتۈن ئوبلاست بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بۇ قېتىمقى لېكسىيە دوكلاتى يىغىنىنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئىلى ئوبلاستىدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى دوۋ ۋەنگۇي مۇنداق بىلدۈردى: ۋىلايىتىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئۆلچەمگە توغرىلىنىش، تەلەپكە توغرىلىنىش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىشتىكى كونكرېت ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئاتۇش شەھىرى خۇڭيۈنفا قەغەزچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخ مۇدىرى چۈ شۈەنۋېي مۇنداق دېدى: «تېخنىك خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن چوقۇم تېخنىكىنى تىرىشىپ تەتقىق قىلىپ، تېخنىكا يېڭىلاش ئارقىلىق كارخانىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمەن».

«لېكسىيە بىۋاسىتە قەلبىمىزگە سىڭدى.» ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى، چاغان تۈڭگى يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى بەختىگۈل ۋۇجىتخان لېكسىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھام ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن ئارشاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «زاغرا» تىل بىلەن لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىدىن ھەممە كىشىنىڭ خەۋەردار بولۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

ئىلى سىفەن داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇن يۈسۈي مۇنداق دېدى: «بىز ئومۇمىي يىغىن روھى ھەم ئالاقىدار مەزمۇنلارنى ئىدىيەۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇشىغا سىڭدۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ياشلىق باھارى ۋە كۈچىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرىمىز».

كورلا شەھىرى يىپەك يولى كوچا باشقارمىسى شاڭشۈيچېڭ مەھەللىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى مەرۇپ ئىمىن مۇنداق بىلدۈردى: مەھەللە ئاھالىلىرى «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز.

ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇغا يۈز كېلىش كېرەك. چوڭقۇر لېكسىيە سۆزلەش، پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگەندىلا، چوقۇم يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان - شەرەپنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەندى.