كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى يۆتكىلىپ تۇرسىمۇ، ئۆگىنىشنى ئۈزۈلدۈرمىدى

日期:2021年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى «بىز 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ياخشى ئادا قىلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك» 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىنىڭ نوم بازىرى تەشكىللىگەن كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىداكۆچمە پارتىيە ئەزاسى لى جۈنجې ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداقدېدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تارقىلىشى كەڭ، يۆتكىلىشچانلىقى كۈچلۈك، مەركەزلىك ئۆگىنىشى قىيىن بولغان كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى تەپەككۇردايېڭىلىق يارىتىپ، «تور+ تور سىرتى» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.

11-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىدە، بۇ شىركەتنىڭ كادىرلار ئىشلىرى مەمۇرىي باش نازارەتچىسى ليۇ شۈەي پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ئۆگىنىش مەزمۇنىنى شىركەتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋىيشىن توپىغا تارقاتتى. ئېتىزلىقتا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى گو يۈەن، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى سۇڭ يىپىڭ قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىئۇچۇرنى كۆرگەندىن كېيىن دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ، چوقۇم كۆپ خىل ئۇسۇلئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرلارنىڭ شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئىگىلىشىچە، شىخو شەھىرىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلار كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ «يېزىدىن ئايرىلسىمۇ پارتىيەدىن ئايرىلماسلىقى، يۆتكىلىپ تۇرسىمۇ،ئۆگىنىشنى ئۈزۈلدۈرمەسلىكى»گەھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېسابات دەپتىرىنى ھەر ۋاقىتيېڭىلاپ، كۈندىلىك ئالاقىلىشىش تۈزۈمىگە تايىنىپ، «تور + تور سىرتى»نى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان.

ئارىلىقى يىراق كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا قارىتا، شىخۇ شەھىرى مىكرو لېكسىيە، تور بۇلۇت لېكسىيەسى، ۋىيشىن«ئۆگىنىش سومكىسى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى، ئانار بۇلۇت، i تارباغاتاي، شىخو ياخشى جاي قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، «مىكرو گۇرۇپپا، مىكرو سۇپا، مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو ھېكايە، مىكرو مۇھاكىمە» قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشتىكىكۆچمە دەرسخاناقىلىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا ھەر ۋاقىت «ئۆگىنىش تېز يوللانمىسى» يەتكۈزۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەممە كەنتكە تۇتاشقان «چوڭ كاناي»، مەدەنىيلىك يېتەكچى ئاپتوموبىلى «كىچىك كانىيى»، شۇنداقلا ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرىدىكى رادىيو ئاڭلىتىش قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تەشۋىقات ئۈن-سىنىنى تەكرار قويۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئاڭلاپ ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭگۇاڭشەن جەنۇبىي مەھەللىسىتەۋەلىكتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى شىنجاڭ رۇڭچۇاڭ ئۆي-زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىدا پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.

خۇڭگۇاڭشەن جەنۇبىي مەھەللىسىدە 284 كارخانا بار، قىسمەن كارخانىلاردا مۇستەقىل پارتىيە ياچېيكىسى يوق، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرى نىسبەتەن تارقاق. «تەۋەلىك رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردىكى پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىز ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن تەۋەلىكتىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا نۆۋەت بىلەن مەركەزلىك ئۆگىنىپ، كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى ئۆگىنىدىغان جاي بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق» دېدى ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭگۇاڭشەن جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭ كادىرى جياڭ يۈن.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭجىلى، گو چيەن، ۋاڭ يۇڭفېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ ياخۇي)