چېن چۈەنگو، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2021年12月06日
来源:天山网
【字体:

لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرى ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، پېڭ جيارۈي، جاۋ چىڭ، جاڭ يۇڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش سېپىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەت بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى سادىق قوغدىغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشكەنلىكى باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقى ۋە سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوت ئۆچۈرۈش سېپىدىكى كوماندىر - جەڭچىلەرگە بولغان غايەت زور رىغبەت ۋە ئىلھام. كۆپچىلىكنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۈلگىلىك، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم تەلىم سۆزىنىڭ روھىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كۆيۈنۈشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئىلھاملاندۇرۇشنى تۈرتكىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئىلغارلار، نەمۇنىچىلار بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، سۇ كەلسە سۇدىن، ئوت كەلسە ئوتتىن يانماسلىق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»تىن ئىبارەت جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئاپەت، ھادىسىلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، جان - دىل بىلەن خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشىشى، خۇشال - خۇرام ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، بىخەتەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، جىددىي ۋەقەلەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قاتتىق، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، تۈرلۈك ئاپەت، ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.