ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا بېرىلگەن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

日期:2021年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئەركىن تۇنىياز ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا بېرىلگەن پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»قا بەرگەن پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

ئەركىن تۇنىياز ئالدى بىلەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)»نى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ياخشى تەييارلاش كېلەر يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت، تۇرمۇشقا ئەڭ بىۋاسىتە قاتنىشىسىلەر، ئامما بىلەن ئەڭ زىچ ئالاقىلىشىسىلەر، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلالايسىلەر، ئۆز ئەمەلىيىتىڭلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ياخشى تەييارلاش ئۈچۈن پائال چارە - تەدبىر كۆرسىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاساسىي قاتلامدىكى 12 نەپەر كادىر، ئوقۇتقۇچى، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىسى، دېھقان، پەن - تېخنىكا خادىمى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىدا بەس - بەستە سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھەرقايسىسى ئۆزى خىزمەت قىلىۋاتقان ساھە، كەسىپ ۋە كارخانىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدەپ، پاكىز ئېنېرگىيەنى كېڭەيتىپ قوللىنىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىش، ئاساسىي قاتلامنى كۆپ مەنبەلىك ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئورۇنلۇق، قىممىتى بار پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. بىز كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدىغان، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرىغا، ئارزۇسىغا تېخىمۇ ياخشى ئىنكاس قايتۇرىدىغان قىلىپ تەييارلايمىز. كۆپچىلىكنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىگە ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ، دىققەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2022 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئېچىلىدىغان يىل، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل، كېلەر يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.