ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2021年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «4 - دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قەسەم بېرىش باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى 8 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «4 - دېكابىر» دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى قەسەم بېرىش باش تېما پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، باش تېمىسى «شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قانۇنچىللىق يولىدا مېڭىش.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شەۋكەت ئىمىن پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

پائالىيەت سىنلىق شەكىلدە قانات يايدۇرۇلدى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگانلىرى ۋە «بىر ھۆكۈمەت، بىر كومىتېت، ئىككى مەھكىمە»دىكى 2000دىن ئارتۇق دۆلەت خىزمەتچىسى ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تەنتەنىلىك قەسەم بەردى.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تۈزۈم ۋە قانۇن - نىزاملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاساسى. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەت خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنى ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى تەتبىقلاپ، قانۇنغا ھۆرمەت قىلىش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردىن ئەيمىنىش تۇيغۇسىنى ساقلاپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى باشلامچىلىق بىلەن قوغداپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىنى قوللىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن تەشۋىق - تەربىيەسىنى سىجىل، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار تەشۋىقات ئېيى پائالىيىتى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئاساسىي قانۇننى ئورگانلارغا كىرگۈزۈش، كارخانىلارغا كىرگۈزۈش، يېزىلارغا كىرگۈزۈش، مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش، مەھەللىلەرگە كىرگۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن روھىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ تارقىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىش كېرەك.

شەۋكەت ئىمىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىش، نىزامنى قانۇن بويىچە چىقىرىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ھەربىر تۈرلۈك نىزام چىقىرىشنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي قانۇن روھىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇنى ئاڭلىق ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرىدىغان سىياسىي ئورگان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان دۆلەت ھاكىمىيەت ئورگىنى، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك زىممىگە ئالىدىغان خىزمەت ئورگىنى، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلايدىغان ۋەكىللىك ئورگانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى جۈەن «دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن، دەۋرگە ماسلاشقان بىر ياخشى ئاساسىي قانۇن» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.