يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئارقىلىق بىزنىڭ تاماق قاچىمىزنى چېقىشنى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىشنى خام خىيال قىلماڭلار

日期:2021年12月06日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايون «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئارقىلىق بىزنىڭ تاماق قاچىمىزنى چېقىشنى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلىشنى خام خىيال قىلماڭلار

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»قا رەددىيە بېرىش مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، كارخانا مەسئۇللىرى، ئىشلىگۈچىلەر، پاختىكارلار قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلدى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى ئەھۋالىنى بايان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى سىياسىي نەيرەڭۋازلىقىنى پاش قىلدى، تەنقىد قىلدى، ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر تارقاتقان شىنجاڭغا ئالاقىدار «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» بىمەنە سەپسەتىسىگە رەددىيە بەردى.

«شىنجاڭنىڭ ئاپئاق پاختىسىغا قارا چاپلاشقا يول قويمايمىز!» ئاپتونوم رايونلۇق توقۇمىچىلىق كەسپى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ليۇ چىڭجياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تېخنىكا ماھىرىدىن جەمئىي 409ى ۋە ماھارەتلىك يېڭى خادىمدىن 3300ى تەقدىرلەندى، مۇكاپاتلاندى، كارخانىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇق - مەنپەئىتى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى. ليۇ چىڭجياڭ مۇنداق قارىدى: ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»نى باھانە قىلىپ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى چەكلەش، بېسىش ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت «ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىقتۇر».

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات مېدىتسىناسى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەكبەر مەمەت مۇنداق دېدى: «ھاياتىمدىكى ھەربىر قەدىمىم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ.» دوكتورلۇقنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ بېيجىڭدىكى يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتتىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، يۇرتىغا قايتىپ خىزمەت قىلدى.

گۇچۇڭ ناھىيەسى ۋۇماچاڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى مەبىرە ئاساسلىقى يېزىنىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىگە مەسئۇل. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى نۇرغۇن دېھقان ئائىلىسى كېۋەز تېرىشقا تايىنىپ بېيىغان. ئاساسىي قاتلام كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئوتتۇرىغا چىقىپ ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ رەزىل ئەپت - بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىشىم زۆرۈر. ھەر مىللەت ئەمگەكچىلەر ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تاللاش جەھەتتە تولۇق ئەركىنلىككە ئىگە، نەدىن كەلگەن «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» ئىكەن؟

«شىركەتكە كەلگىنىمگە يېرىم يىل بولمايلا مەن تېخنىكا تايانچى بولدۇم!» ئالمىرە تۇرسۇن بورتالا شەھىرىدىكى بىر توقۇمىچىلىق كارخانىسىنىڭ ئىشچىسى بولۇپ، ئىش ئورنىغا چىققاندا شىركەت ئالمىرەگە تېخنىكا ئۆگىتىدىغان ئۇستام ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنىدى، ئالمىرە ئۇستىسىنىڭ ياردىمىدە تېز پىشىپ يېتىلدى. «ئۇلار يالغان - ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇپ بىزنىڭ تاماق قاچىمىزنى چاقماقچى، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ۋەيران قىلماقچى» دېدى ئالمىرە.

«بۇ يىلقى ساپ كىرىمىم 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.» لوپنۇر ناھىيەسىدىكى پاختىكار راخمان يۇنۇس 530 مو يەرگە كېۋەز تېرىپ مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كىچىك ۋاقتىمدىلا ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرگە ئەمگەك ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم.

شىخو شەھىرى شىنخې توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جاڭ شىجاۋ مۇنداق دېدى: خىزمەتچىلەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ مۇقىم كىرىمگە ئېرىشتى. «ئۇلارنىڭ تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ چەكسىز پەخىرلەندىم!» جاڭ شىجاۋ مۇنداق دېدى: ئەمگەك كۆڭۈللۈك ئىش، مەجبۇرلاشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ يىل پاختا يىغىش ماشىنىسىدا پاختا يىغىۋاتقان مول ھوسۇل مەنزىرىسى ھەمدە توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى كەسىپكارلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى توغرىسىدىكى سىن كۆرسىتىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى گۈلى ئابلېلىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاختا ئاق، ئەمما بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆڭلى قارا. ئامېرىكا ۋە غەربتىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىدە ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دەپ يالغان ئېيتىشى سېپى ئۆزىدىن پىتنە - ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلىغانلىق. شىنجاڭنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا يۈكسەك دەرىجىدە ماشىنىلىشىش ئىشقا ئاشتى، ئالدىراش پاختا تېرىش پەسلىدىمۇ، زور مىقداردىكى پاختا تەرگۈچى ئىشلىتىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. بۇنداق ئەھۋالدا، يەنە كىشىلەرنى ماشىنىدىن ئىش تالىشىشقا «مەجبۇرلاش» كېتەمدۇ؟ 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلەت ئىچىدىكى 200دىن ئارتۇق تاراتقۇ شايار ناھىيەسىدە چوڭ تىپتىكى پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىۋاتقان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشنى ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسەتتى، تۇتاش كەتكەن كېۋەزلىك ۋە ئېچىلغان پاختىلار يالغان سۆزلىمەيدۇ.