خاس كەسىپلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىشەنچى ئاشتى

日期:2021年12月05日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىشتىن ئايرىلالمايدۇ.

بىر غوزەك پاختا، بىر تال چىلاندىن بىر ئىستاكان سۈتكىچە... ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتتى، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتتى، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىدى، تېرىقچىلىقتا قۇرۇلمىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىقتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، باقمىچىلىقتا سۈپەتنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىنى ئۆستۈردى، زور بىر تۈركۈم يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خاس كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەتلىشىش كۈچى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆستۈرۈلۈپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.

ئەلا، كۈچلۈك قىلىپ يېتىشتۈرۈش

خاس كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى

11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئەتىگەندە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرىدىكى باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى دېھقان تۇرسۇنمامۇت ئىمىن ئائىلىسى ھۆددىگە ئالغان كۆكتات پارنىكىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قىپقىزىل شوخلىلارنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

2019 - يىلى، تۇرسۇنمامۇت ئائىلىسىدىكىلەر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇششاقباش بازىرىدىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدى ھەم پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدى. بۇ يىل 7 - ئايدا ئۇ يەتتە پارنىكنى ھۆددىگە ئالدى، ھازىر يىللىق كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاقتاش بازىرى 5500 مولۇق باغ - ئورمان ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە 1262 يۇقىرى ئۆلچەملىك پارنىك، 1800 ئەگمە پارنىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسى قۇرۇپ، كۆچۈرۈلگەن 1600دىن كۆپرەك ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بازىرىمىز كېلەر يىلى يەنە 700 پارنىك كۆپەيتىپ، كۆكتات تېرىقچىلىقى خاس كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرمەكچى» دېدى ئاقتاش بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى فۇباۋ.

بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتى كەسىپنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، «بىر ناھىيەدە بىر خاسلىق، بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تۆت چوڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىنى يېتىلدۈرۈش قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق يولغا قويۇپ، 1 مىليون 500 مىڭ مولۇق كۆكتات بازىسى، 1 مىليون 500 مىڭ مولۇق مېۋە بازىسى، 1 مىليون 500 مىڭ قوي بېقىلىدىغان گۆش قويى بازىسى ۋە 150 مىليون ئۆي قۇشى بېقىلىدىغان ئۆي قۇشى بازىسى قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچىدى.

ئاپتونوم رايونىمىز مەۋقەنى خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، «ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باغ - ئورمانچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى، نانچىلىق كەسپى، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى قاتارلىق خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى سىجىل زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلەتتى.

يۇغۇرما تەرەققىي قىلىش

پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەڭ كۈچ چىقاردى

11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شىنجاڭ ۋەنفېڭ چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تېخنىكا مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شوۋگو شىركەتتىكى تېخنىكلار ۋە كەنتتىكى يۇقۇم مۇداپىئە خادىملىرىنى باشلاپ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ قاراساي بازىرى باغچى كەنتىگە كېلىپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە كۆپ تۆللەيدىغان قوي قوزىلىرىنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلارنى ئۆگەتتى.

«بىز <كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى + دېھقان ئائىلىسى> ئەندىزىسى ئارقىلىق، كۆپ تۆللەيدىغان قوي باقمىچىلىق كەسپىنى كەنتلەرگىچە ئۇزارتىپ، ئائىلىلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق» دېدى ۋاڭ شوۋگو. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ شىركەت كۆپەيتىش، بېقىش، سويۇش، سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى، شۇ جايدىكى 40 مىڭ ئائىلىلىك دېھقان كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىشقا تايىنىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى.

ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى خاس ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا - كەنت كەسىپ تەرەققىياتىدىكى «يېڭى باشلامچىلار سېپى»نى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، 1 - كەسىپنى كەينىگە ئۇزارتىش، 2 - كەسىپنىڭ ئىككى ئۇچىنى تۇتاشتۇرۇش، 3 - كەسىپنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى.

2020 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 12 مىڭ 700گە يەتتى، كۆلەمدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان تىجارەت كىرىمى 145 مىليارد 654 مىليون يۈەن بولدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايون(يەرلىك)دىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 74 مىليارد 223 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ناھىيەلەردە پىششىقلاش باغچە رايونى بولۇش، يېزا - بازارلاردا توپلاشقان، مەركەزلەشكەن پىششىقلاش رايونى بولۇش، كەنتلەردە پىششىقلاش سېخى بولۇشتىن ئىبارەت كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەندى.

ئىشلەپچىقىرىشنى تۇتۇشتىن زەنجىرنى تۇتۇشقىچە، مەھسۇلاتنى تۇتۇشتىن كەسىپنى تۇتۇشقىچە، ھالقىنى تۇتۇشتىن سىستېمىنى تۇتۇشقىچە، ئاپتونوم رايونىمىز خاس كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز تۇتاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەتنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

موتور بەرپا قىلىش

بىر كەسىپ گۈللىنىپ تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولدى

ساياھەتچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش ئارقىلىق، 1 - كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىش، 2 - كەسىپكە تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇلدى، ئالتاي شەھىرى بۇ يىل خاس ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاتچىلىق كەسپىنى چوڭ ساياھەت ئەندىزىسىگە سىڭدۈرۈپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، «ئالتۇن ئات يولىدا قار شەھىرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ئاتلىق ساياھەت قىلىش» ئات ئويۇنى ساياھەت تۈرى رەسمىي باشلاندى، ئالتاينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن 360 گىرادۇس قانغۇچە ھۇزۇرلىنىش، مەيىن شامالنىڭ يەلپۈشىنى ھېس قىلىش، ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل قارلىق تاغلارغا يىراقتىن نەزەر سېلىش، ئوتلاقتىكى قوي - كالىلار بىلەن يېقىن ئارىلىقتا ئۇچرىشىشتەك بۇنداق تەسىرات ساياھەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى يايراتتى.

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ماركىسىنى تونۇتۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشتىكى «يېڭى موتور»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، جەمئىي مەملىكەت بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت (بازار)تىن 42نى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنتتىن 70نى يېتىشتۈردى، سەرخىل سەھرا ئارامگاھىدىن 42نى، سەرخىل لىنىيەدىن 60نى تونۇشتۇردى، ساياھەت پۇقراۋى قونالغۇسىدىن 5734نى بەرپا قىلدى.

ساياھەتچىلىك كەسپىدىن باشقا يەنە، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىغان «ئون چوڭ كەسىپ»نىڭ بىرى بولغان نانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش، بازارلىشىش سەۋىيەسى ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرى - تۆۋەندىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا تېز ئېشىپ، كەسىپنىڭ يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كۆرۈنەرلىك بولغان خاس كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. مەززىلىك شىنجاڭ نېنى چوڭ كەسىپلەرگە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە نام كارتىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

تېخىمۇ كۆپ يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس كەسىپلىرى «بىر كەسىپ گۈللىنىپ تۈرلۈك كەسىپلەرنىڭ روناق تېپىشىغا تۈرتكە بولۇش»تەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى تېز شەكىللەندۈرمەكتە ھەم كەسىپ زەنجىرى ئارقىلىق قىممەت زەنجىرىنى يېتەكلەپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ھەمتۈرتكە بولىدىغان «كىرىمنى ئاشۇرۇش زەنجىرى»نى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دېھقان - چارۋىچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

(مۇخبىرلار گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، پەرىزات ئابدۇل)