«چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىمىز»

日期:2021年12月05日
来源:天山网
【字体:

«شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

«چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىمىز»

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، پىراكتىكانت لى جىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «شىنجاڭ ياخشى جاي» تېمىسىدىكى جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى مەخسۇس مەيدان سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىدە تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى، پاكىستان، بىرما، ئۆزبېكىستان، سان تومې ۋە پىرىنسىپى قاتارلىق 20 گە يېقىن دۆلەتتىن كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق شىنجاڭغا «كېلىپ»، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ھېس قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشىنى چۈشەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرۇم ئىسمايىلقان شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن بىر مەزگىلدىن بۇيان، مەلۇم دۆلەتلەردىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر پاكىتنى بۇرمىلاپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار قارالمىلارنى تەپتارتماي ئويدۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بۇ، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدۇ! شىنجاڭ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىدىكى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگودا كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرى ۋە شىنجاڭغا نىسبەتەن تونۇشى، چۈشىنىشىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە، دوستلىرىغا يەتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بىر ھەقىقىي شىنجاڭنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى شى جيەنجۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى، شىنجاڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە تېز ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىدەك پاكىتتىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىغا بولغان چۈشىنىشىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنى شىنجاڭنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان تەرەققىيات تومۇرىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئۇلىنىش ھالقىسىدا، جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسىدە ئوقۇۋاتقان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە «كىرىپ»، مىللىي چالغۇ ئەسۋابلىرى دۇكىنى ۋە 100 يىللىق كونا چايخانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت ۋە قويۇق، رەڭدار مىللىي ئۆرپ - ئادەت ئۇلارنى مەپتۇن قىلدى؛ خوتەن شەھىرىدىكى بىر مەسچىتتە، كۆپچىلىك شىنجاڭدا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈلۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى؛ ئۈرۈمچى شەھىرى نان مەدەنىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، ھەر خىل نانلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى، چۈشەندۈرگۈچىگە ئەگىشىپ، كۆپچىلىك يەنە نان يېقىش جەريانى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنە سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق قىزىل مىڭئۆينى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى ھەم كامېراغا ئەگىشىپ قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كېلىپ، قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسلىدىكى تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە تەربىيەلىنىشنى تاماملىغان تەربىيەلەنگۈچىنىڭ تەلىم - تەربىيەگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىدىيەدە ئۆزگىرىش ياساپ، ماھارەت ئىگىلەپ، پائال ئىگىلىك تىكلەپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ھېكايىسىنى ئاڭلىدى؛ ئاتۇش شەھىرىدىكى بىر يول ئاسراش شىركىتى مەسئۇلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەردە ئىشلەپ ياخشى تەجرىبە ئۆگىنىپ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلىدى.

سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىدا، شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق جەمئىيەت كەيپىياتى، قويۇق، رەڭدار ئادىمىيەت مەنزىرىسى ھەمدە قىزغىن، مېھماندوست ھەر مىللەت ئامما چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى كۆپچىلىككە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقان، خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان بەختلىك تۇرمۇشى، كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپىتى ۋە ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەقىقىي شىنجاڭنى ھېس قىلدۇردى، غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بۇرمىلىغان خەۋەرلىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. يۇقۇم ئاخىرلاشقاندا، بىز چوقۇم شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىمىز.

چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار يەنە شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، خاس يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىگە تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىن سوئال سوراپ پىكىر ئالماشتۇردى.

بۇ قېتىمقى سىنلىق پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن جۇڭگو سىياسىي قانۇن داشۆسى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.