سېمونت كۆۋرۈك سېلىندى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبى ئىللىدى

日期:2021年12月02日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گەن شىڭخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى شۆرېن خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ چىلان يېزىسى باغچىكەنتىدىكىيېڭىدىن سېلىنغان «خەلقنى بېيىتىش قەلب كۆۋرۈكى»دە، 76 ياشلىق ئابدۇللا ئەخمەت ھاياجانلانغان ھالدا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆۋرۈك ئاستىدىكى بۇ سۇغىرىش ئۆستىڭى كەنتنى ئىككىگە ئايرىپ تۇراتتى، ئىككى تەرەپتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەركىن يۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىدىغان بىر كۆۋرۈك سېلىشكەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئارزۇسى بولۇپ قالغانىدى. بۇ يىل 11-ئايدا، بۇ ئارزۇجۇڭگو نېفىت-خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باغچىكەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭياردىمىدە ئىشقا ئاشتى.

ئابدۇللا ئىلگىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئىدى. 10 نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى سۇغىرىش ئۆستىڭى بۇ كەنتنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەندىن باشلاپ، ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئۆزئارا بېرىش-كېلىش قىلىش ۋە ئېتىزغا بېرىپ ئىشلەشتەناھايىتى يىراق يولنى ئايلىنىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالغان، كۆپچىلىكنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىدىغان بىر كۆۋرۈك سېلىشئابدۇللا ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارزۇسىبولۇپ قالغانىدى.

بۇ يىل 9-ئايدا، ئۇ بۇ ئارزۇسىنى 1-شۇجى جيا جېنشۈگە ئېيتتى. خىزمەت ئەترىتى 400 نەچچە مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 10 نەچچە مېتىر كەڭلىكتىكى سۇغىرىش ئۆستىڭىگە ئىككى سېمونت كۆۋرۈك سالدى.

«ئىلگىرى ئۆستەڭنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرساق، قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرەلەيتتۇق، قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايتتۇق، پەقەت شۇقارشى تەرەپكە ئۆتەلمەيتتۇق.» ئابدۇللانىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇئالدىراش بولمىسىلا، كۆۋرۈكتە مېڭىپ يۈرۈشكە، يەنەكۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدىكىكونا دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىشكە ئامراق بولۇپ قاپتۇ.

«چۈشتە ئۆيگە كېلىپ تاماق يەڭ،مەن سىزگە پولۇ ئېتىپ بېرەي... » كەنت ئاھالىسى پاتىگۈل سەمەت كۆۋرۈكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئېتىزلىققا ئېرىگە بىر بوتۇلكا سۇ ئاپىرىپ بەرگەندىن كېيىن، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتىنى مىنىپ يېڭىدىن ياسالغان كۆۋرۈكتىن ئۆتتى. كۆۋرۈك سېلىنغاندىن كېيىن، پاتىگۈل قارشى تەرەپكە بىر كۈندە نەچچە قېتىم ئۆتىدۇ، ھېلى ئېتىزغا بېرىپ ئېرىگە ياردەملىشىپ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلسا، ھېلى ئۇدۇلدىكى ئاپىسىنىڭ ئۆيىگە يەيدىغان نەرسە ئاپىرىپ بېرىدۇ. «ئىلگىرى بىز قارشى تەرەپكە بېرىش ئۈچۈن بىر-ئىككى كىلومېتىر يول ماڭاتتۇق، بەك قولايسىز ئىدى. دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش ۋاقتىدا، ئېرىم دائىم ئېتىزدىلا تاماق يەيتتى، ھازىر كۆۋرۈك پۈتۈپ بەك قولايلىق بولدى».

«كەنت ئاھالىلىرى <ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان> مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. قەلب كۆۋرۈكىنىڭ سېلىنىشىكەنت ئاھالىلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرى، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ قەلبىنى بارغانسېرى يېقىنلاشتۇردى. <خەلقنى بېيىتىش قەلب كۆۋرۈكى> نىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىمۇ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن»دېدى جيا جېنشۈ.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەربىي شىمال نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىنىڭ باغچىكەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نۇقتىدىن نۇقتىغاياردەم بېرىش، يۆلەش تۈرىنى يولغا قويۇپ، 2021-يىلىلا ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن ئوندىن ئارتۇقنىيولغا قويدى، بۇلار بالىلار كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇش، مەدەنىيەت ھويلىسى قۇرۇش، مەكتەپ مەيدانلىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يېزا-كەنت كوچىلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانبولۇپ، جەمئىي 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، باغچىكەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا پائال تۆھپە قوشتى.