ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

日期:2021年12月02日
来源:天山网
【字体:

شيا چىڭ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرىيېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دوۋيىن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق توردا مال سېتىۋېلىشتىكى يېڭى ئۇسۇللارنىڭ بارغانسېرى جانلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمالچى توردا زاكاز قىلىپ مال سېتىۋالىدىغان بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ خىل يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز سۈرئەتتە يېزىلارغا كېڭەيمەكتە، يان تېلېفوننىڭ يېڭى دېھقانچىلىق قورالىغا ۋە بىۋاسىتە كۆرسىتىشنىڭ يېڭى دېھقانچىلىق ئىشىغا ئايلىنىشى ھازىربىر قىسىم دېھقانلارنىڭ ئېلېكترونلۇق سودىغاقاتنىشىشتىكىھەقىقىي كارتىنا بولۇپ قالدى.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا بولغان ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېزا-كەنتلەردىن شەھەرلەرگىچە بولغان سېتىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بۇ يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ ھالىتىنىڭ يېزا-كەنتلەردە جارى قىلدۇرۇلۇۋاتقانئەۋزەللىكى تەدرىجىي نامايان بولماقتا، ئەركىن، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالاھىدىلىكى زور تۈركۈمدىكى ياشلارنى يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە جەلپ قىلىپ، يېز-كەنىتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى، بۇمۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنىچۈشەندۈرىدۇ.

ئېلېكتىرونلۇق سودايېزا-كەنتلەردە جانلىق راۋاجلىنىشبىلەن بىللە، كاپىتال، ئىختىساسلىقلار، يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسى قاتارلىق ئامىللارمۇ شەھەردىن يېزا-كەنتلەرگە توپلىنىپ، دېھقانلارنى بېيىتىش، يېزىلارنىتەرەققىي قىلدۇرۇشقابوشلۇق يارىتىپ، پۈتكۈل يېزا-كەنتلەرنى جانلاندۇردى.

«قوش 11» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردائېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىش ئىنتايىن ياخشى بولدى. بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ كەنت دەرىجىلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت پونكىت-نۇقتىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا-بازارلاردا تور نۇقتىسى بولۇش، كەنت-كەنتلەردە مۇلازىمەت بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىنبولدى. ھازىر، «تېز يوللانمىنى كەنتلەرگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، سانائەت بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش«ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە راۋانلاشتۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنىگۈللەندۈرۈش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار كەنت ئاھالىلىرىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىقلارغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرغاندىن باشقا، يەنە زۆرۈر بولغان كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى. تەكلىپ قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش شەكلى، توردا ئالقىشلانغان دېھقانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇنىڭغاسىڭىپ كىرىشكە يېتەكلىدى.

ئېلېكتىرونلۇق سودا يېزا ئىگىلىك يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ دېھقانلارغا تېخىمۇ زور ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.